خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىغا ساقچى ۋە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-11-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەكتەپ ۋە ئامانلىق ئورگانلىرىغا ئوقۇتقۇچى ۋە ساقچى قوبۇل قىلىشنى داۋاملىق كېڭەيتمەكتە.

يېقىندا قاغىلىق ناھىيەسى بۇ ناھىيەدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ۋە يەسلىلەرگە 500 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئوخشاش مەزگىلدە ئاقتۇ ناھىيەسى 97 نەپەر ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان.

بۇ يۇقىرىقى ئىككى ناھىيەنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە 2-قېتىم ئوقۇتقۇچى ياكى ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىشىدۇر. ئاقتۇ ناھىيەسى تېخى بۇ يىل 5‏-ئايدا 500 نەپەر ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلان چىقارغان.

قاغىلىق ناھىيەسى بۇ يىل 1‏-ئايدا مەزكۇر ناھىيەگە 2968 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاينىڭ مائارىپ ۋە ئامانلىق سېلىنمىسى ئەڭ تېز كۆپەيگەن رايونىدۇر.

ئامېرىكىدىكى جېيمىس توۋن فوندى جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىخەتەرلىككە سەرپ قىلىۋاتقان خىراجىتى 2017-يىلى 20 مىليارد يۈەن ئاشقانلىقى، بۇنىڭ ئۆتكەن مەزگىلدىكىگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسە كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى دوكلاتلاردا يەنە مائارىپ سېلىنمىسى خىتاينىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى رايونغا ئايلانغانلىقى تەكىتلەنمەكتە. لېكىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ چەكلىنىپ، خىتاي تىلى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ، زور كۆلەملىك خىتاي ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا بولغان ئېھتىياجنى پەيدا قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 20017‏-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا «دۆلەت تىلى» دا سۆزلەش، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نى قوبۇل قىلىش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلى، ھەتتا ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تاڭغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. لېكىن، بۇ خەلقئارادا 2‏-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەملىك «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئەيىبلەندى.

يۇقىرىقى ھەر ئىككى ناھىيەنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا قەيت قىلىنىشىچە، ياردەمچى ساقلار ئاقتۇ تەۋەسىدىن ئېلىنىدىكەن، لېكىن قاغىلىق ناھىيەسىگە ئېلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلار نىشانلىق ئىچكىرىدىن قوبۇل قىلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت