ئۇيغۇر ئېلىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئۈسكۈنىسىنى توكقا چاتمىغان دۇكاندار جازالاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-05-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىدىكى «خوتەن گېزىتى» ۋە «قانۇنچىلىق تور بېتى» قاتارلىق ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، يېقىندا شىخۇ شەھىرىدىكى بىر دۇكاندار دۇكىنى ئىچىدىكى «ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئۈسكۈنىسى» نى توكتىن چىقىرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» دىكى ئالاقىدار ماددىلار بويىچە مەمۇرىي جازاغا تارتىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شىخۇ شەھىرىدىكى مەلۇم بىر مېۋە-چېۋە دۇكىنىنىڭ خوجايىنى جاڭ توكسىكلىتىنىڭ توكى قالمىغانلىقتىن «بىر كۇنۇپكا بىلەنلا دېلو مەلۇم قىلىش ئۈسكۈنىسى» ياكى خىتايچىدە 警报器 دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۈسكۈنىنى توكتىن ئېلىۋېتىپ، ئورنىغا توكسىكىلتىغا توك قاچىلىغان ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن دائىرىلەر ئۇنى ج خ ئورگانلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرىگە ماسلاشمىدى، دەپ ئەيىبلەپ، جەرىمانە قويغان. بۇندىن سىرت، شىخۇ ساقچى دائىرىلىرى يەنە باشقا ئىككى دۇكاننىمۇ ئوخشاش سەۋەب بىلەن جازالىغان.

«بىر كۇنۇپكا بىلەنلا دېلو مەلۇم قىلىش ئۈسكۈنىسى» ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى سودا-ساراي، دۇكان، ماي قاچىلاش پونكىتلىرى قاتارلىق ئورۇنلارغا بېكىتىلىشى بىردەك تەلەپ قىلىنىۋاتقان دېلو مەلۇم قىلىش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ئۇ ھەر بىر جايدىكى «تورلاشقان دېلو مەلۇم قىلىش مەركىزى» تەرىپىدىن كۆزىتىپ تۇرۇلىدىكەن. ئۇنى خالىغانچە توكتىن چىقىرىۋېتىشكە، ئېلىۋېتىشكە بولمايدىكەن.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر يۇقىرىدىكى بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن سۆزنىڭ كەڭ دائىرىدە سۇيىئىستېمال قىلىنىشىدىن باشقا يەنە، تەقىب ۋە قامالنىڭ قاتتىق كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت