كىشىلىك ھوقۇقچىلار سېربىيەنىڭ فالۇنگوڭچىلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


سېربىيە ھۆكۈمىتى خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ سېربىيە زىيارىتى مەزگىلىدە 11 نەپەر فالۇنگوڭچىنى تۇتقۇن قىلغان ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سېربىيە دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىشتەك بۇ خىل «قانۇنسىزلىق» تىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سېربىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ستېفانوۋىچ «بىز باش مىنىستىر لى كېچياڭنىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە نامايىش قىلىشقا ئۇرۇنغان فالۇنگوڭچىلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردۇق» دېگەن. 11 فالۇنگوڭچىنىڭ 7 نەپىرى بۇلغارىيەلىك، 2 نەپىرى رۇسىيەلىك، بىرى فىنلاندىيەلىك، يەنە بىرى سلوۋاكىيەلىك ئىكەن.

لى كېچياڭنىڭ سېربىيە زىيارىتى 15 - دېكابىر باشلانغان بولۇپ، 18 - دېكابىر ئاخىرلاشقان. ئۇ، ش ئا ئە ت ئارمىيەسى 1999 - يىلى خىتاينىڭ بېلگرادتىكى ئەلچىخانىسىنى بومباردىمان قىلغاندىن بۇيان، سېربىيەنى زىيارەت قىلغان تۇنجى خىتاي باش مىنىستىرى ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، «فالۇنگوڭچىلارنىڭ پەقەت تىنچ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى قوللانماقچى بولغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، ئۇلار پەقەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ فالۇنگوڭچىلارنى باستۇرۇشىغا قارشى تىنچ نامايىش قىلىشنى پىلانلىغان، دېدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 1999 - يىلى فالۇنگوڭچىلارنى «خۇراپىي» تەشكىلات، دەپ ئېلان قىلىپ باستۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت