شاڭخەيلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ مارالبېشىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى قىسقا فىلىم نارازىلىق قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا خىتاينىڭ «PengPai» خەۋەرلىرى ناملىق بىر خەۋەر تورى يۇتۇب قانىلىدا شاڭخەيلىك بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتايچە كىيىندۈرۈپ، ئۇلارغا خىتاينىڭ قەدىمىي چاي مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىشلەنگەن بىر قىسقا فىلىم تارقاتتى. مەزكۇر فىلىم تىۋىتتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغاندىن كېيىن كۈچلۈك نارازىلىق ئىنكاسلىرى قوزغالدى.

ۋىدىيودا شاڭخەيدىن «شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش» دېگەن نام بىلەن كېلىپ، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى مەلۇم بىر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتايچە يوسۇندا كىيىندۈرۈپ، ئۇلارغا خىتايچە پۇراقتا بېزەلگەن سىنىپتا خىتاينىڭ چاي مەدەنىيىتى ئارقىلىق خىتاي مەدەنىيىتى ئۆگىتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. 

فىلىمدە 10 ياشلار ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتايچە كىيىندۈرۈلۈپ، ئوقۇتقۇچىسىدىن يېشىل چاينىڭ تارىخى، ئۇنىڭ قانداق دەملىنىدىغانلىقى، تەمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە دەرس ئېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. فىلىمدە كىچىك بىر ئۇيغۇر قىزى زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ قىز مۇخبىرنىڭ «سىلەر نېمە ئۈچۈن بۇ دەرسنى ئۆگىنىۋاتىسىلەر» دەپ سورىغان سوئالىغا خىتايچە ناھايىتى قېيىنىلىپ تۇرۇپ: «چۈنكى بىز بۇ دەرستە شۇنداق چىرايلىق ئەنئەنىۋى خىتايچە كىيىملەرنى كىيىمىز، يېشىل چاي ئىچىمىز. يېشىل چاي دەسلەپتە ئىچكەندە بەك قىرتاق بىلىنىدىكەن ئەمما كېيىن كۆنۈپ قالىدىكەن» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. 

مەزكۇر ۋىدىيو تىۋىتتىردا كۈچلۈك نارازىلىق ئىنكاسى قوزغىدى. تىۋىتتىر قوللانغۇچىلىرى بىردەك، بۇنى ئۇيغۇرلارغا ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى، دەپ باھالىدى. بەزى ئىنكاسلاردا يەنە، ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆز مەدەنىيىتىگە ئائىت كىيىملەرنى كىيىشتىن، ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشتىن چەكلىنىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئۇلارنىڭ يات مەدەنىيەتنىڭ كىيىمىنى كىيىشكە مەجبۇرلىنىشىنىڭ تولىمۇ يىرگىنىشلىك، دەپ باھالانغان. يەنە بىر ئىنكاستا «بۇ ئېتنىك قىرغىنچىلىقنىڭ بىر تۈرى» دىيىلگەن. 

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلارنى يولغا قويۇپ، مىليونلارچە كىشىنى قامىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قارانچۇقىسز قالغان بالىلىرى يۈزلىنىۋاتقان ئاقىۋەت ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئەندىشىنى قوزغىماقتا. ئىلگىرى مۇشۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئەپ بېرىش ئۈچۈن خوتەنگە بارغان مۇستەقىل مۇخبىر ئېسابېللا يوڭ ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىىسدە «خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېر ۋە قارانچۇقسىز بالىلار يىغىۋېلىنىدىغان يېتىمخانىلار ئارقىلىق شىنجاڭدا زور كۆلەملىك ‹ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى› يۈرگۈزىۋېتىپتۇ. خىتاينىڭ مەقسىتى ئېنىق، ئۇ بولسىمۇ يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ يېتىشمەسلىكىدۇر. ئۇلارنى تاكى بىردىن-بىر كىملىكى خىتاي بولۇپ چىققۇچە ئۆز يىلتىزىدىن، مەدەنىيىتىدىن ۋە ھەتتا ئائىلىسىدىن قومۇرۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت. . .» دېگەنلەرنى بايان قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت