سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇنجى قېتىم بىر ئايال شەھەرلىك پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-12-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇنجى قېتىم ئاياللار سايلامدا ئۆزىنى نامزات كۆرسىتىش سالاھىتىگە ئېرىشتى ۋە ئاياللاردىن تۇنجى شەھەرلىك پارلامېنت ئەزاسى مەيدانغا كەلدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان تارىخىدا بىرىنچى بولۇپ بىر ئايال شەھەرلىك پارلامېنتنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىق سايلام كومىتېتى شەنبە كۈنىدىكى سايلام نەتىجىسىدە، سالما بىنت - خىزابەل ئوتەيبە ئىسىملىك ئايالنىڭ مەككە ئۆلكىسىدىكى سايلامدا ئۇتۇپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان.

12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى پۈتۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن شەھەرلىك پارلامېنتلارنىڭ ئەزالىرىنى سايلاشتا 978 ئايال ئۆزىنى نامراتلىققا تىزىملاتقان. مەملىكەت بويىچە 1مىليون 350مىڭ ئەر ۋە 130 مىڭ ئايال سايلامدا بېلەت تاشلاش سالاھىتىگە ئىگە بولغان.

5938 نەپەر ئەر ئۆز نامزىتىنى كۆرسەتكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا مەرھۇم پادىشاھ ئابدۇللا 2011 - يىلى ئاياللارنىڭ سايلامغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلغان ئىدى.

2013 - يىلى، مەرھۇم پادىشاھ ئابدۇللا يەنە سەئۇدى ئەربىستاننىڭ 150 كىشىلىك ئالى مەسلىھەت كېڭىشىغا 30 نەپەر ئايالنى ئەزالىققا بېكىتكەن ئىدى.

تولۇق بەت