ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە مۇشائىرە ۋە مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018-03-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكىنىڭ غەربىي-شىمال قىسمىغا جايلاشقان ۋاشىنگتون شتاتىنىڭ مەركىزى سېئاتۇل شەھىرىدە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ھەققىدە مۇشائىرە ۋە مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ قېتىملىق پائالىيەت شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتىگە بېغىشلاندى. ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى، مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى كەسپى بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان داررېن بايلېر ئەپەندى بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى. 

مەزكۇر پائالىيەت 3-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 دە ئالدىن بىلەن ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشلاندى. ئاندىن سېئاتۇلدىكى داڭلىق كىتابخانا - «ئېللىيۇت قولتۇقى كىتابخانىسى» دا داۋام قىلدى. پائالىيەتتە شائىر تاھىر ھامۇت ئۆزىنىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «ئارىلىق ۋە باشقىلار» ناملىق شېئىر توپلىمىدىكى بىرقانچە شېئىرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا دېكلاماتسىيە قىلدى. ئارقىدىن ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچىلىرى شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا تاھىر ھامۇتنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيىتى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىپ كېتىۋاتقان ۋەزىيەت ھەققىدە مۇھاكىمىلەر قانات يايدى.

بۇ پائالىيەتكە ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، شېئىرىيەتكە قىزىقىدىغان ھەر ساھە كىشىلىرى، ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار شۇنىڭدەك ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.

شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى 1980-يىللاردا باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى يىللاردا يازغان شېئىرلىرى ئۇيغۇر ئاۋانگارت شائىرلار قوشۇنىنىڭ يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىنى بەرپا قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. تاھىر ھامۇتنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرى ئامېرىكىلىق ياش ئۇيغۇرشۇناسلاردىن داررېن بايلېر، جوشۇا فرېمان قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئامېرىكىدىكى داڭلىق شېئىرىيەت ژۇرناللىرىدىن «چېگراسىز سۆزلەر»، «بېركېلىي شېئىرىيەت مۇنبىرى»، «ئاسۇمپتوت»، «شاش ئات»، «قولتۇق ساھىلى»، «بانانگو كوچىسى» قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنغان.

بۇ شائىر تاھىر ھامۇت شېئىرىيىتى ھەققىدە ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق مۇشائىرە پائالىيىتى بولۇپ، 2016-يىلى كۈزدە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۇنجى قېتىم «تاھىر ھامۇت شېئىرىيەت كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت