شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-08-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەربىي باشلىقلىرى 28‏-ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئۇچۇرۇشۇپ، تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتىشكە قوشۇلغان.

رۇسىيە، خىتاي، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ شتاب باشلىقلىرى قاتناشقان يىغىنىدا، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ باش شتاب باشلىقى فاڭ فېڭخۇي، ئافغانىستان ئەتراپىدىكى ۋەزىيەت مۇرەككەپلەشتى، تېررورچىلار داۋاملىق ئوتتۇرا ئاسىياغا سۇقۇنۇپ كىرمەكتە، دېگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئافغانىستاندىن تولۇق چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى كۈچلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر ئىلىغا سىڭىپ كىرىشىدىن، ئۇيغۇر-خىتاي توقۇنۇشىنىڭ خەلقئارالىشىپ، چەتئەل جىھادچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىگە ياردەم قىلىشىدىن ئەنسىرەپ كەلگەن.

شۇڭا، خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقىنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئەللەرنىڭ بىرى. بۇ قېتىمقى شتاب باشلىقلار يىغىنى 24‏-ئاۋغۇست ئىچكى موڭغۇلدا باشلانغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەربىي مانېۋىرى ئاخىرلىشىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئېچىلدى. يىغىندىن كېيىن ھەربىي باشلىقلار ئىچكى موڭغۇلغا بېرىپ، ھەربىر مانېۋىرنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئىشتىراك قىلدى.

خىتاي بىلەن رۇسىيە بۇ قېتىمقى مانېۋىردا ئەڭ ئىلغار قوراللارنى ئىشلەتكەن. خىتاي مانېۋىرنىڭ مەقسىتى تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش دېسىمۇ، بىراق ئانالىزچىلار مانېۋىرنىڭ كۆلىمى ۋە مانېۋىردا قوللانغان قوراللار ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت