خىتاي ئالىي مائارىپى ساھەسىدە «غەرب ئىدېئولوگىيەسى»نى تازىلاش شامىلى كۆتۈرۈلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-01-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسى ئالىي مائارىپ ساھەسىدىن «غەرب ئىدىيەلىرى» بىلەن «غەرب قىممەت قاراشلىرى» نى كەڭ كۆلەمدە تازىلاش دولقۇنى قوزغىغان.

خىتاي مائارىپ مىنىستىرى يۈەن گۇيرېن پەيشەنبە كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ئالىي مائارىپ ساھەسىدە كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى يېتەكچىلىك رولىنى قاتتىق تەكىتلەش زۆرۈر. مائارىپ ساھەسىدىكىلەر ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىدا پارتىيە رەھبەرلىكى بىلەن سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى تەنقىد قىلماسلىققا چوقۇم كاپالەت بېرىشى كېرەك.»

خىتاي مائارىپ مىنىستىرىنىڭ مەزكۇر باياناتى خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلغۇچى پروفېسسورلار ۋە ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن.

ئاساسىي قانۇن روھى ۋە ئەركىن پىكىر ئېقىمىنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن 2013-يىلى شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ھەيدەلگەن پروفېسسور جاڭ شۆجۇڭ مۇنداق دېگەن: «مائارىپ مىنىستىرى بولغان بىر كىشى پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ياكى ئوقۇتۇش جەھەتتىلا ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئىززەت-غۇرۇرىدىنمۇ ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت