شاۋكەت ئىمىننىڭ قەسەمنامىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تورلىرىدا مەسخىرىسىگە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-04-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىدىن شاۋكەت ئىمىنمۇ قەسەمنامە ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر كادىرلارنى ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى قەتئىي مەيداندا كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

بۇ كېرىيەلىك يېزا باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىلەن باشلانغان قەسەمنامە بايان قىلىش دولقۇنىدا ئالدىغا چىققان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. «تەڭرىتاغ تورى»دا تارقىتىلغان شاۋكەت ئىمىننىڭ قەسەمنامىسىدىكى خىتاي كومپارتىيىسى ھەققىدىكى مەدھىيەلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر توربەتلىرىدە مەسخىرىگە ئۇچرىدى. شاۋكەت ئىمىننىڭ «جۇڭگو كومپارتىيىسى بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى» دېگەن سۆزلىرىگە فېيسبۇكتىكى بىر ئىنكاستا مۇنداق باھا يېزىلغان: «توغرا، خىتاي كومپارتىيەسى بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى شىنجاڭ بولمىغان، يەنى شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي نوپۇسى 1949-يىلىدىكى 4% دىن بۈگۈنكى 40% گە يۈكسەلمىگەن بولاتتى؛ زېمىننىڭ يەر ئاستى-يەر ئۇستى بايلىقلىرى بۇنداق تالان-تاراج بولمىغان، ئۇيغۇرلار بۇ ئاتا مىراس بايلىقلىرىدىن ئۆزلىرى بەھرىمەن بولغان بولاتتى».

فېيسبۇكتىكى بۇ توغرۇلۇق ئىنكاس يەنە مۇنداق داۋام قىلغان: «شۇنداق، خىتاي كومپارتىيىسى بولمىغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇشى بولمىغان، يەنى مىڭلارچە ئىنسان سىياسىي سەۋەب بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىمىغان؛ 10 مىڭلارچە ئىنسان بۈگۈنكىدەك تۈرمىلەردە ياتمىغان بولاتتى».

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، شاۋكەت ئىمىننىڭ قەسەمنانىسىدىكى خىتاي كومپارتىيىسى ھەققىدىكى مەدھىيەلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 60 يىللاردىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان خىتاي تەشۋىقاتىدىن ھېچقانداق بىر پەرقى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت