شاۋكەت ئىمىن ئۇيغۇرلارنى «قالايمىقانچىلىق چىقارسا زور بالا-ئاپەتكە قالىدۇ،» دەپ ئاگاھلاندۇرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-05-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن 17‏-ماي كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى «قالايمىقانچىلىق چىقارسا، زور بالايى ئاپەتكە پاتماي قالمايدۇ،» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇنىڭ بۇ سۆزنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا سولاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنيىىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سېلىۋاتقانلىقى تەنقىدلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە قىلىشى، ئۇيغۇر تەشكىلاتكلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

شاۋكەت ئىمىن ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارا تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئەگەر بىر كىشى ‹ئۈچ خىل كۈچ› لەرگە ئەگەشسە، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت يولىدىن ئايرىلىپ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ. ئەگەر بىر مىللەت ‹ئۈچ خىل كۈچ› لەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە يول قويسا، بۇ مىللەت زور بالايى-ئاپەتكە پاتماي قالمايدۇ.»

دۇنيا قۇيغۇر قۇرۇلتىيى پەيشەنبە كۈنى شاۋكەت ئىمىننىڭ سۆزىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىدە ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىيومىزدا پىكىر بايان قىلىپ، شاۋكەت ئىمىننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاشكارا تەھدىت سالغانلىقىنى، بىر مىللەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھەق-ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئەسلىدە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. دىلشات رىشىت، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەپ، ئاز دېگەندە بىر مىليۇندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاشنىڭ، ئۇلارنىڭ ئەركىن ياشاش ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى بوغۇشنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە سىغىدىغان ھېچقانداق تەرىپى يوق،» دېدى.

شاۋكەت ئىمىن «شىنجاڭ گېزىتى» دىكى ماقالىسىدە يەنە رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان بولسىمۇ، «شىنجاڭنىڭ 3 قاتلام گىرەلىشىپ كېتىشتەك ۋەزىيىتىدە تۈپ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى»، «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، ھەتتا بەزىدە كەسكىن بولىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت