شى جىنپىڭنىڭ «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» چاقىرىقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا تەكىتلەنگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-01-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا ئۇيغۇر رايونىدا «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» ئېلىپ بېرىش ھەققىدە بىر تەكلىپ چۈشكەن. مەزكۇر تەكلىپتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىكى ھاجەتخانا قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئۆلچەمسىزلىكى تىلغا ئېلىنىپ، ئېلىپ بېرىلغۇسى «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» دا ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ بۆسۈش نۇقتىسى قىلىنىشى تەشەببۇس قىلىنغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەزكۇر تەكلىپ جاڭ شياۋپىڭ ئىسىملىك بىر خىتاي ۋەكىل تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ۋە بۇ ھەقتىكى چاقىرىق تۇنجى قېتىم خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن 2015‏-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ھاجەتخانا قۇرۇلۇشى ۋە ھاجەتخانىغا مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى ئەخلاقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشەببۇس قىلىنغان بۇ چاقىرىق شۇ چاغدا خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا بىر مەھەل غۇلا-غۇلا قوزغىغان. خىتاينىڭ «خەلق تورى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەزكۇر چاقىرىقنى «ئەمەلىي تۇرمۇش مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش» دەپ مەدھىيەلىگەن بولسا، چەتئەلدىكى بىر قىسىم خىتاي ئۆكتىچىلىرى بۇنى «بىر خىل ئىپتىدائىي چاقىرىق» دەپ مەسخىرە قىلغان. يەنە بىر قىسىم ئۆكتىچىلەر، «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» دېگەن چاقىرىقنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىغا قىلىنغان بىر ھاقارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئالدىنقى يىلى رويتېرز ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتايدا شى جىنپىڭنىڭ «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» چاقىرىقىدىن كېيىن، بىر خىتاي ساياھەت شىركىتىنىڭ خىتاي ساياھەتچىلەرنى چەتئەلگە چىققاندا «باغچىلاردا ۋە كۆل-ئېقىن بويلىرىدا خالىغانچە كىچىك تەرەت قىلماسلىق» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت