شى جىنپىڭ ھەربىي جەھەتتىن يېڭىلىق يارىتىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-08-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دۆلەت رەئىسى ۋە خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 29-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسى ئۇيۇشتۇرغان دۇنيانىڭ ھەربىي تەرەققىيات ۋەزىيەت يۆنىلىشى ۋە خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىن يېڭىلىق يارىتىش مەسىلىسىگە ئائىت ئۆگىنىش يىغىنىدا سۆز قىلغاندا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنى ئۇچۇرلىشىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا زور قەدەم بېسىشقا چاقىرغان.

شىنخۇانىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان شى جىنپىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئارمىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى يېڭى ھەربىي ئىشلار ئىنقىلابىنىڭ قاتتىق رىقابىتى ۋە پۇرسەتلىرىگە توغرا كەلگەنلىكى، پەقەت، ھەربىي جەھەتتىن يېڭىلىق ياراتقاندىلا باشقىلار بىلەن بولغان پەرقلەرنى كىچىكلىتىپ، يېڭى ھالقىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ھازىر خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرى كۈچى 2 مىليون 300مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، دۇنيادىكى ئەسكەر سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشىنى تەلەپ قىلىپ، «تىرىشىپ، بىر يۈرۈش ئۇچۇرلىشىش ئۇرۇشىغا ماسلىشالايدىغان ۋە ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشنىڭ تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن يېڭى ھەربىي ئىشلار نەزەرىيىسى، تۈزۈلمە قۇرۇلمىسى، ئەسلىھە سىستېمىسى، ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكا ھەم باشقۇرۇش مودېلى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.» دەپ كۆرسەتكەن.

تەھلىل قىلىنىشىچە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ زامانىۋىلىشىش ۋە ئۇچۇرلىشىش، ئەڭ ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللىنىش جەھەتلەردە تېخى راۋاجلىنىش ھالىتىدە بولۇپ، بۇ جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئارمىيە سەۋىيىسىگە تېخى يەتمىگەن.

شى جىنپىڭ باشچىلىقىدا خىتاينىڭ ھەربىي خىزمىتىگە ئائىت ئېچىلغان بۇ يىغىن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خىتاي بىلەن فىلىپپىن، ۋىيېتنام، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەر ئارىسىدىكى ئاراللار مەسىلىسى كۈچىيىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى.

يېقىندا خىتاي بىر كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئامېرىكا رازۋېدكا ھەربىي ئايروپىلانىغا يېقىنلىشىپ تەھدىت سېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپى كۈچەيگەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ھەربىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن بولۇپ خىتاي ئۆز ھەربىي خامچوتىنى بۇ يىل 12% ئاشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

24-29-ئاۋغۇست كۈنلىرى خىتاي رۇسىيە قاتارلىق شاڭخەي ھەمكارلىقى دۆلەتلىرى بىلەن ئىچكى موڭغۇلدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت