شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى 4‏-دېكابىر كۈنى تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ ئۆزلىرىگە «خىرىس» پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جىنس ستولتېنبېرگ، خىتاينىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ھەربىي كۈچى، جۈملىدىن ئۇنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا تېگىشلىك بىر خىرىسقا ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ: «خىتاي دۇنيادىكى 2-چوڭ ھەربىي خام چوتقا ئىگە دۆلەت، ئۇ يېقىندىن بېرى ئۆزىنىڭ نۇرغۇن يېڭى ۋە زامانىۋى ئىقتىدارىنى نامايان قىلماقتا. بۇ، ئۇنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا يېتىپ بارالايدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلار يىغىنى 3‏-دېكابىر كۈنى ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا باشلانغان. مەزكۇر سىياسىي‏-ھەربىي ئىتتىپاقنىڭ بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ئۇنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا توغرا كەلگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا 29 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بۇ قېتىم لوندوندا يەنە ئۇنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى، يەنى ناتونىڭ 4‏-دېكابىر كۈنى ئاخىرلاشقان باشلىقلار يىغىنىنىڭ باياناتىدا، خىتاي مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. باياناتتا: «خىتاينىڭ زورىيىۋاتقان تەسىرى ۋە خەلقئارا سىياسەتلىرى، ھەم پۇرسەت ھەم خىرىس ئېلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭغا قارشى بىز بىر ئىتتىپاق سۈپىتىدە تەڭ تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك» دېيىلگەن. باياناتتا يەنە، خىتاينىڭ تور سۈرئىتىگە ئالاقىدار 5G تېخنولوگىيەسىمۇ تىلغا ئېلىنىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىغا ئەزا ۋە ئۇنىڭغا شېرىك دۆلەتلەرنىڭ 5G تېخنولوگىيەسىگە كۆچۈشتە بىخەتەر ۋە ئوچۇق-ئاشكارا سىستېمىلاردا ئىشەنچ باغلىشى كېرەكلىكى» تەكىتلەنگەن. ئىلگىرى پرېزىدېنت ترامپ بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا 5G تېخنولوگىيەسىگە كۆچۈشكە خىتاينى قاتناشتۇرۇش مەسىلىسى زور ئىختىلاپ پەيدا قىلغان. گېرمانىيەنىڭ 5G تېخنولوگىيەسىگە كۆچۈشتە ئۇنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش پىكىرى پرېزىدېنت ترامپنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت