شىمالىي كورېيە 15 نەپەر ئەمەلدارىنى ئىشپىيونلۇق تورى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ ئېتىپ تاشلىغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-04-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورېيەنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانى كىم جوڭئۇن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ 15 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنى ئاتقۇزۇۋەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ 15 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى «جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئىشپىيونلۇق ئورۇنلىرىغا ئاخبارات تەمىنلىگەن شۇنداقلا كىم جوڭئۇن ھاكىمىيىتىگە تەھدىت ھاسىل قىلغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئېتىپ تاشلانغان.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە شىمالىي كورېيە ئورمانچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بارلىقى مەلۇم.

بۇ، كىم جوڭئۇن تەختكە چىقىپ 2013-يىلى ئۆز تاغىسىنى ئۆلتۈرگەندىن بۇيان، شىمالىي كورېيەنىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر قېتىملىق «چوڭ تازىلاش» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت