شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىش ئالدىدا تۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-04-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا ئاخباراتىدا قىززىق تېمىلاردىن بولۇۋاتقان شىمالىي كورېيە ھۆكۈمدارى، دىكتاتور كىم جوڭئۇننىڭ جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولماقچى بولۇشى ھەققىدىكى خەۋەرلەردە خىتاينىڭ بارغانسېرى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

«نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىگە 23-ئاپرېل بېسىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن كېيىن جەنۇبىي كورېيە بىلەن يېقىنلىشىشى ھەمدە خىتاي بىلەن بولغان مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنىڭ يىراقلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللار سىستېمىسىدىن ۋاز كېچىشنى خالىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ شىمالىي كورېيە ئۈچۈن مۇھىملىقى تېخىمۇ ئاجىزلايدىكەن.

بولۇپمۇ نۆۋەتتە شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشقا دائىر ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا سەرەمجانلاشتۇرۇشى خىتاينى بىردىنلا بۇ جايدىكى سىياسىي شاھمات تاختىسىدا يېتىم ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان. خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جاڭ باۋخۇي بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاينىڭ شىمالىي كورېيەدىكى مۆتىۋەرلىك ئورنىنىڭ بىكار بولۇشقا يۈزلىنىشى خىتاي ئۈچۈن ئېغىر كەلمەكتە،» دېگەن. 

نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان سۆھبەتكە ئالدىرىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، جەنۇبىي كورېيە بولسا ئىككى كورىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئالدىرىماقتا ئىكەن. خىتاي بولسا ئىككى كورېيە بىرلىككە كېلىپ، بۇ يېڭى دۆلەتنىڭ ئامېرىكىغا ئېغىپ كېتىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرىمەكتە ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى جەنۇبىي كورېيەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق 28 مىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىنى چېكىندۈرۈپ كېتىش تەلىپىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولغاچقا، بۇ ئەھۋال خىتاي ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىر باش ئاغرىقى بولۇپ قالىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت