شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-02-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يەكشەنبە كۈنى شىمالى كورېيە يەنە بىر قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى. س ن ن تېلىۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە ھەربىي تەرەپ شىمالى كورىيەنىڭ 12-فېۋرال كۈنى ياپون دېڭىزى تەرەپكە بىر دانە ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكى ۋە مەزكۇر بومبىنىڭ 500 كىلومېتىرلىق مۇساپىدىن كېيىن دېڭىزدا پارتلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ، ئامېرىكادا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان شىمالى كورىيەنىڭ بىرىنچى قېتىم ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئىكەن.

شىمالى كورىيەنىڭ مەزكۇر سىنىقىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابىنىڭ ئامېرىكادا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرى مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، پرېزىدېنت ترامپ باش ۋەزىر ئابى بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكانىڭ يۈز پىرسەنت ئۆز ئىتتىپاقدىشى ياپونىيە تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىنزو ئابى پىيوڭياڭنىڭ مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى تەنقىد قىلىپ «بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن. ياپونىيە باش ۋەزىرى مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى يوشىھىدا سۇگا بۇنىڭ «ياپونىيە ۋە رايونغا قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

جەنۇبىي كورېيە شىمالى كورىيەنىڭ مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ ئەمما شىمالىي كورېيە دەرھال ئىنكاس قايتۇرمىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت