شىمالىي كورىيە جەنۇبىي كورىيىدىكى چەتئەللىكلەرنى چىقىپ كېتىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013-04-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىمالىي كورىيە بۈگۈن جەنۇبىي كورىيىدىكى چەتئەللىكلەرنى چىقىپ كېتىشكە چاقىردى. شىمالىي كورىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي كورىيە بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇ يەردىكى چەتئەللىكلەرنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقى، شۇڭا ئۇلارنىڭ جېنىغا ۋە مال - مۈلكىگە زىيان يېتىشتىن ئاۋال جەنۇبىي كورىيىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورىيىنىڭ جەنۇبىي كورىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلار، خەلقئارا شىركەتلەر ۋە ساياھەتچىلەرگە قىلغان چاقىرىقىغا قارىتا ھازىرچە ئەلچىخانىلاردىن ھېچقانداق جاۋاب كەلمىدى.

بىر قانچە كۈندىن بۇيان جەنۇبىي كورىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر شىمالىي كورىيىنىڭ يېقىن ۋاقىت ئىچىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭغا قارشى تەدبىرلىرىنى ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. ب ب س نىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيە ئىككى ئۇرۇش كېمىسىنى شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى قارىغا ئېلىشقا تەييار تۇرۇشنى بۇيرىغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە، شىمالىي كورىيە سىناق قىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ياپونىيە ئاسمىنىدىن ئۆتۈپ، تىنچ ئوكيانغا چۈشۈشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت