شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى ئۇچراشتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-06-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورىيە ئارىسىدىكى بىتەرەپ رايونغا جايلاشقان پىخانمۇنجۆم يېزىسىدا شىمالىي كورىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى مەخسۇس ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبام بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كالىفورنىيىدىكى ئۇچرىشىشى ئاخىرلاشقان پەيتكە توغرا كەلگەن مەزكۇر ئۇچرىشىش ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى جىددىيىلىكنىڭ پەسەيگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيە تەرەپتىن ئۈچ كىشى قاتناشقان بولۇپ، ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئىككى كورىيىنى بىرلەشتۈرۈش مىنىستىرلىكىنىڭ باشلىقى رەھبەرلىك قىلغان. بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ دەرىجىسى ئىدارە باشلىقلىرى دەرىجىلىك بولۇپ، ئىككى تەرەپ مۇشۇ ئاينىڭ 12 - كۈنى شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورىيىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ھەمدە ئىككى تەرەپ چېگرا نۇقتىسىدا بىرلەشمە سانائەت رايونى قۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.

شىمالىي كورىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئارىسىدىكى سۆھبەتلەر ئىككى يىلدىن بۇيان توختاپ قالغان ھەمدە شىمالىي كورىيە رەھبىرى كم چوڭىل ئۆلۈپ، ئۇنىڭ ئوغلى ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، دائىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان ھەمدە جەنۇبىي كىرىيىگە تەھدىد سالغان ئىدى.

ئىككى كورىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشى خەلقارالىق دىققەتكە سازاۋەر بولدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت