پيوڭياڭ شىمالىي كورىيىنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-12-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يەكشەنبە كۈنى شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شىمالىي كورىيە ھاكىمىيىتىدىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق شەخس، يەنى ھازىرقى شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم چوڭيۇننىڭ ھاممىسىنىڭ ئېرى چاڭ سوڭزىنىڭ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىپ، ئىجرا قىلىنىشىنىڭ شىمالىي كورىيىنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھات پىلانىغا، يەنى چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ۋە باشقا ئىقتىسادىي ئىشلارغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەزكۇر ئەمەلدار بۇ سۆزنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن شىمالىي كورىيىنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق ئەمەلدارى چاڭ سوڭزى ئەسلىدە شىمالىي كورىيىنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھات تەرغىباتچىسى ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھات لايىھىسىنى بېكىتىشتىكى ھەل قىلغۇچ شەخس ئىدى. چاڭ سوڭزى دۆلەتنى ئاغدۇرۇش سۇيىقەستى بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغان ھەمدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ئىجرا قىلىنغان ئىدى.

چاڭ سوڭزى كىم ئېرسىننىڭ قىزى، يەنى سابىق شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم چۇڭېرنىڭ سىڭلىسىگە ئۆيلەنگەن بولۇپ، ئۇ شىمالىي كورىيە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان. ئۇ، 2012 - يىلى، شىمالىي كورىيە ۋەكىللىرىنى باشلاپ، خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت