شىنزو ئابې، ياپونىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ھەرگىز مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-09-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابې جۈمە كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ياپونىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئىختىلاپتىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھەرگىز مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقى، بىراق ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرىدىغان ھېچقانداق تەدبىر قوللانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، نيۇ-يورك شەھىرىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، مەيلى تارىخىي ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا ياكى خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسلانغاندا سېنكاكۇ ئارىلى ياپونىيەنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. بۇ ئاراللار ياپونىيەنىڭ قانۇنلۇق كونتروللۇقىدا، دەپ كۆرسەتكەن.

بىراق شىنزۇ ئابې مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغان شۇ كۈنى، ياپونىيە دېڭىز قوغداش ئەترىتى 3 خىتاي پاراخوتىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىنلاشقانلىقىنى ۋە ئارال ئەتراپىدا 3 سائەت توختاپ تۇرۇپ، قايتىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. شىنزۇ ئابې مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئەپسۇسكى، خىتاينىڭ پاراخوتلىرى داۋاملىق بىزنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىمىزگە ئۈسۈپ كىرىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ياپونىيە زېمىن ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھەرگىز مۇرەسسە قىلمايدۇ، دەپ كۆرسىتىپ، بىراق بىز ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشىنى خالىمايمىز. بىز بۇ مەسىلىنى سوغۇق قانلىق بىلەن ۋە كەسكىن بىر تەرەپ قىلىمىز، دېگەن.

ئابېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ ئاينىڭ باشلىرى موسكۋادا خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرغان. بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى يېقىندا ياپونىيە سېنكاكۇ قاتارلىق ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىختىلاپ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلسا، ياپونىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت