شىنزو ئابېنىڭ ياسۇكۇنى بۇزرۇگۋارلار مازارلىقىنى زىيارەت قىلىشى خىتاي بىلەن كورېيەنى يەنە بىئارام قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013-12-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنياۋى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې 26-دېكابىر كۈنى ياسۇكۇنى بۇزرۇگۋارلار مازارلىقنى زىيارەت قىلغان.

بۇ زىيارەت شىنزو ئابې ئىككىنچى قېتىم باش ۋەزىرلىك تەختىگە چىقىپ دەل بىر يىل تولغان كۈنگە توغرا كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ياسۇكۇنى بۇزرۇگۋارلار مازارلىقىغا دەپنە قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ۋە كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ مازارلىقنى ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شىنزو ئابېنىڭ ياسۇكۇنى زىيارىتى خىتايدا ماۋ زېدوڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان كۈنلەرگە توغرا كەلگەچكە خىتاي تەرەپ بۇ ئىشقا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى تۈنۈگۈن ياپونىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، شىنزو ئابېنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە ياپونىيە تەرەپنىڭ بۇ «خاتالىق» ئىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ياپونىيە تەرەپ بۇ مەسىلىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، «شىنزو ئابېنىڭ ياسۇكۇنى مازارلىقىنى زىيارەت قىلىشى دۆلەت نامى بىلەن بولغان ئەمەس، ئۇ پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ شەخسىي ھەرىكىتى» دەپ ئىزاھات بەرگەن.

شىنزو ئابېنىڭ ياسۇكۇنى بۇزرۇگۋارلار مازارلىقىنى تاۋاپ قىلىشى يېقىندىن بۇيان خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان كەيپىياتنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەر بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا، خىتاي، ياپونىيە ۋە ئىككى كورېيەنى مەركەز قىلغان شەرقىي ئاسىيانىڭ كۆپ قىرلىق ۋەزىيىتىدىكى ئىنچىكە ئۆزگىرىشلەرگە يەنىمۇ دىققەت قىلماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت