شۆھرەت زاكىر كادىرلارنى يېزا-كەنتلەرگە چۈشۈرۈپ مۇقىملىقنى قوغداشتەك «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» نىڭ داۋاملىق يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-01-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 6‏-يانۋار كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 13‏-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3‏-قېتىملىق يىغىنىدا خىزمەت دوكلاتى بېرىپ، كادىرلارنى يېزا-كەنتلەرگە چۈشۈرۈپ مۇقىملىقنى قوغداشتەك «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» نىڭ داۋاملىق يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە رايوندا يولغا قويۇلۇۋاتقان «تېررورلۇق» قا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىتى دائىمىلاشتۇرۇلىدىكەن. چەتئەللىك ئانالىزچىلار ئۇنىڭ سۆزى خىتاينىڭ ھازىرقى قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىماقتا.

شۆھرەت زاكىر بۇ سۆزلەرنى خىتاينىڭ 2017‏-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا 3 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى خەلقئارانىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ساداسى كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە قىلغان. شۆھرەت زاكىرنىڭ ئىسمى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا يازغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەكتۇپىدا تىلغا ئېلىنغان. مەكتۇپتا چېن چۈەنگو، جۇ خەيلۇن، سۈن جىنلوڭ، خۇ ليەنخې قاتارلىقلارنى جازالاش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

شۆھرەت زاكىر خىزمەت دوكلاتىدا «شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، 3 يىل مابەينىدە ھېچقانداق زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «پۈتۈن رايوندا تېررورلۇققا قارشى مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىمىلاشتۇرۇش داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ. شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى قۇرۇش سىياسىتى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ئۇزۇن مەزگىللىك، ئومۇميۈزلۈك مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ» دېگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىلگىرى مەزكۇر رايوندا يولغا قويۇلغان كادىرلارنى يېزا-كەنتلەرگە چۈشۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» داۋاملىق يولغا قويۇلىدىكەن. «فېڭچياۋ» جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرىگە قاراشلىق بىر بازارنىڭ ئىسمى بولۇپ، كومپارتىيە 1960‏-يىللىرىدا مەزكۇر بازاردىكى «ئاممىنى قوزغاپ، سىنىپى دۈشمەنلەرگە قارشى دىكتاتورىلىق ئېلىپ بارغان.» بۇ ئۇسۇل كومپارتىيە تارىخىدا «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» دەپ ئاتالغان ئىدى.

د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت 6‏-دېكابىر رادىيومىزدا شۆھرەت زاكىرنىڭ سۆزىنى تەنقىدلەپ، «ئۇنىڭ دوكلاتتا ‹فېڭچياۋ تەجرىبىسى› نىڭ ئالاھىدە تىلغا ئېلىشى ئۇيغۇرلارغا ئوچۇق-ئاشكارا ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقتۇر،» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت