شۆھرەت زاكىرنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى زىيارىتى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-03-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يېقىندا خوتەن ۋىلايىتىدە زىيارەتتە بولغان. ئۇنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلىرىغا قارىتىلغان تەنقىد قاتتىق كۈچەيگەن بىر مەزگىلگە توغرا كېلىشى دىققەت قوزغىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 25-مارتتىن 27-مارتقىچە خوتەن ۋىلايىتىدە زىيارەتتە بولغان شۆھرەت زاكىر ئۇ يەردە «جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى يارىتىش باش نىشانى» دىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىكنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ بۇ زىيارىتىدە تەكىتلەنگەن يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» مەسىلىسى بولغان. خەۋەردە ئۇنىڭ نىيە ناھىيەسى، قاراقاش ۋە چىرا ناھىيەلىرىدە ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ دېھقانلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىرىم ئەھۋالىنى ئىگىلىگەنلىكى ۋە سۆھبەتتە بولغانلىقى بايان قىلىنغان.

خوتەن ۋىلايىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويغان لاگېر تۈزۈمىنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان ۋىلايەتلەرنىڭ بىرىدۇر. خوتەننىڭ ئۆزىدىلا لاگېرغا كىرىپ كەتكەن ئادەم سانىنىڭ نەچچە يۈز مىڭغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنداق بىر پەيتتە شۆھرەت زاكىرنىڭ خوتەننى زىيارەت قىلىشىنى تاسادىپىيلىق ئەمەس، دەپ قارىماقتا.

ئۇلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، نۆۋەتتە خەلقئارادا ب د ت ۋە ھەرقايسىي دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا قارىتا مۇستەقىل ھالدا خالىغان ئورۇندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى تەلەپلىرى قاتتىق كۈچەيمەكتىكەن. مۇشۇنداق بولغۇسى زىيارەتلەر ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتى شۆھرەت زاكىرنى خوتەنگە ئەۋەتىش ئارقىلىق لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىقىنى پەسەيتىش، ئۇلارنى ئىقتىسادىي ياردەملەر ئارقىلىق مەلىكە قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت