شۆھرەت زاكىردىن كېيىن چېن چۈەنگومۇ خوتەننى زىيارەت قىلىپ نامراتلىقنى تۈگىتىشنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-04-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۈزۈمىنىڭ زەربىسىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان ۋىلايەتلەردىن بولغان خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈشتە بولغان.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش، چىرا، لوپ ۋە گۇما ناھىيەلىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغان.

ئۇ بۇ جەرياندا خوتەندىكى چوڭ-كىچىك كارخانىلارنى، مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ باش تېمىسى خوتەننىڭ نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىكەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، چېن چۈەنگو خوتەندىكى بىر قانچە يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكالىق تەربىيەلەش ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلغان شۇنىڭدەك ئۇ كەمبەغەل ئاھالىلارغا قارىتا «تېخنىكالىق تەربىيەلەشنى داۋاملاشتۇرۇش» نى تەكىتلىگەن.

مەلۇمكى، خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىغا قامىغانلىقى تەنقىد قىلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇنلارنى «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ياكى «مەكتەپلىرى» دەپ چۈشەندۈرمەكتە.

تېخى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرمۇ مەخسۇس خوتەن ۋىلايىتىدىكى نىيە ناھىيەسى، قاراقاش ۋە چىرا ناھىيەلىرىنى زىيارەت قىلغان ۋە ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ دېھقانلارنى زىيارەت قىلىپ، ئوخشاشلا خوتەندىكى نامراتلىق مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىشنى تەكىتلىگەن ئىدى.

خوتەن ۋىلايىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويغان لاگېر تۈزۈمىنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان ۋىلايەتلەرنىڭ بىرى. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدىلا لاگېرغا كىرىپ كەتكەن ئادەم سانىنىڭ نەچچە يۈز مىڭغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. مۇشۇنداق بىر شارائىتتا يۇقىرىدىكى بۇ ئىككى خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئارقا-ئارقىلاپ خوتەننى زىيارەت قىلىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، نۆۋەتتە خەلقئارادا ب د ت ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا قارىتا مۇستەقىل ھالدا خالىغان ئورۇندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى تەلەپلىرى قاتتىق كۈچەيمەكتىكەن. ئۇلار مۇشۇنداق بولغۇسى زىيارەتلەر ئالدىدا لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىقىنى پەسەيتىش، ئۇلارنى ئىقتىسادىي ياردەملەر ئارقىلىق مەلىكە قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت