شۆھرەت زاكىرنىڭ لاگېر ھەققىدىكى بايانلىرى كۆپلىگەن سوئاللارغا دۇچ كەلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ 90 پىرسەنتى قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىش» نى قانداق زىچ ماسلاشتۇرغانلىقىنى مەدھىيەلىگەن ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرى خەلقئارادا تۇشمۇتۇشتىن كۆپلىگەن سوئاللارغا دۇچ كەلدى.

30-ئىيۇل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەرقاچان دۇنياغا يالغان ئېيتىپ كېلىۋاتقانلىقىدەك رېياللىقنى خەلقئارا جەمئىيەتكە يەنە بىر قېتىم ئەسلەتتى ھەمدە ئۇلارنى خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى بايانلىرىغا ئىشەنمەسلىككە چاقىردى. باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار مەسىلىسى دەسلەپ ئوتتۇرىغا چىققاندا «بۇ پۈتۈنلەي يالغان» دەپ ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقى، ئاخىرىدا پولاتتەك پاكىتلار ئالدىدا تىلى تۇتۇلۇپ قېلىپ «بۇلار كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلغان تېخنىكا مەكتىپى» دېيىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق خەلقئارانىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈشى تەلەپ قىلىندى. د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ توغرىلىق سۆز قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار ھەققىدە ئېيتقان بۇ خىلدىكى سۆزلىرىگە قەتئىي ئىشەنگىلى بولمايدۇ،» دەپ كۆرسەتتى.

باياناتتا يەنە شۆھرەت زاكىرنىڭ بىر تۇغقان سىڭلىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ گېرمانىيە، ئامېرىكا قاتارلىق جايلارغا قېچىپ بېرىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكى تەكىتلىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى باياشات ۋە بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ،» دېگەن سۆزلىرىنىڭ يالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۆھرەت زاكىر ئارقىلىق «تەربىيەلەشتىكىلەرنىڭ 90 پىرسەنتى قويۇپ بېرىلدى» دەپ جاكارلىشى توغرىسىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونى دىرېكتورى نىكولاس بېكولىن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «شۈبھىسىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن بىر قاتار يالغانلارنى توقۇپ چىقماقتا. ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلىغىنى يوق،» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بايانلىرىغا قارىتا ئىلمىي تەتقىقاتچىلارمۇ كۈچلۈك گۇماندا بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن دوكتور دېيۋىد بروفىي بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بىز دەرۋەقە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يېڭىدىن تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىنىمۇ ئاڭلاۋاتىمىز،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەربىيەلەشتىكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قويۇپ بېرىلدى» دېگەن بايانلىرىغا قارىتا خەلقئارا جامائەت زور گۇماندا بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كۈچلۈك تەلەپ قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت