شۆھرەت زاكىر لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ «ئوقۇش» پۈتتۈرۈپ، ئۆيلىرىگە قايتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 9‏-دېكابىر بېيجىڭدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۇتقۇنلارنىڭ «ئوقۇش» پۈتتۈرۈپ ئۆيلىرىگە قايتقانلىقى، لېكىن يېڭى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ بۇ لاگېرلارغا داۋاملىق كىرىپ-چىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۆھرەت زاكىر يەنە غەرب ئەللىرىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى تەنقىدلىرىنى ۋە ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ئەيىبلىگەن. ب د ت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار خىتاينىڭ «تېررورلۇققا» ۋە «ئەسەبىيلىككە» قارشى تۇرۇش نامىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىۋالغان 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۆتكەن ھەپتە مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىغان. قانۇن لايىھەسىدە چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەلەپ قىلىنغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق ساراسىمغا سېلىپ، خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئامېرىكاغا قارشى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىقات ھۇجۇمى باشلانغانىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۆھرەت زاكىر «نۆۋەتتە تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى پۈتتۈرۈپ بولدى. . . . . . . . ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تۇرمۇش ساپاسى يۇقىرىقى كۆتۈرۈلدى» دېگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، «شىنجاڭ كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئارزۇسى ئاساسىدا تەربىيەلەشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، شۇنداقلا تەربىيەلەنگۈچىلەر بۇ ئورۇنلارغا ئەركىن كىرىپ-چىقىپ تۇرىدىكەن.»

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر بۇ لاگېرلارغا قانچىلىك ئۇيغۇر قامالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ باقمىغان. شۆھرەت زاكىر چەتئەلنىڭ بۇ جەھەتتىكى پەرىزىنى «پۈتۈنلەي توقۇپ چىقىرىلغان» دېگەن. ئۇ يۇقىرىقى سۆزلەرنى لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىدە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ لاگېردىكى نۇرغۇن تۇتقۇنلارنى قاماققا ھۆكۈم قىلىپ، تۈرمىلەرگە يۆتكىگەنلىكى، نۇرغۇن تۇتقۇنلارنى زاۋۇت كارخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت