تەيىنلەنگەن رەئىس شۆھرەت زاكىر مۇھاجىرلار خىزمىتىنىڭ «كىچىك ئىش» ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-08-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تەيىنلەنگەن رەئىسى شۆھرەت زاكىر، تۈنۈگۈن مۇھاجىرلار خىزمىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ رايوندىكى مۇھاجىرلار خىزمىتىنىڭ ئادەتتىكى يەنى كىچىك بىر ئىش ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە بايان قىلىنىشىچە، شۆھرەت زاكىر بۇ ھەقتە يول كۆرسىتىپ، مۇھاجىرلار خىزمىتىنى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك دەپ چۈشىنىشنى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك غايىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى ئەسكەرتكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا مۇھاجىرلار خىزمىتىگە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىش يېڭى ئەھۋال ئەمەس، بۇ خىزمەت تەيىنلەنگەن سابىق رەئىس نۇر بەكرى دەۋرىدىمۇ ئوخشاش جىددىي قارالغان، ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئىلگىرى خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇزەپپەر قاتارلىق سادىق خىزمەتچىلىرى ئامېرىكا، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئۆمەك باشلاپ بېرىپ، شۇ جايدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى ئۆزىگە تارتىشقا، خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق پەيدا قىلىشقا ئۈندىگەن بولسىمۇ، ئەمەلىي نەتىجىگە ئېرىشەلمگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت