بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشتىن بوشاتقان پروفېسسور شيا يېلياڭ ئامېرىكىغا كەلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-01-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئۆكتىچىسى ليۇ شياۋبو تەشەببۇس قىلغان «2008 خىتابنامىسى»نىڭ ئىمزا قويغۇچىلىرىدىن بىرى، خىتايدىكى مەشھۇر ئىقتىسادشۇناس، شيا يېلياڭ ئەپەندى 26-يانۋار ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەن.

شيا يېلياڭ ئەپەندى مۇخبىرلارغا بۇندىن كېيىنكى تەتقىقاتىنى ئامېرىكىدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىدىكى بىرقانچە ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئۆزىنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شيا يېلياڭ ئەپەندى خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى باستۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان ئۆكتىچىلەردىن بىرى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بۇلتۇر 10-ئايدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەكتەپنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى پروفېسسورى شيا يېلياڭنى «دەرس سۈپىتى ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن» قايتا تەكلىپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت