سىچۈەن ئۆلكىسىدە تاغ سىيرىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 15 ئادەم ئۆلگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-06-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جۈمە كۈنى كەچقۇرۇن خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە تاغ سىيرىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 15 ئادەم ئۆلگەن، يەنە كۆپلىگەن ئادەمنىڭ دېرىكى بولمىغان.

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە شۇ جاي ۋاقتى كەچقۇرۇن سائەت 6 دە ماۋشەن ناھىيىسىنىڭ شىمو كەنتىدە يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى سائەتلەپ ياغقان قاتتىق يامغۇردىن كېيىن تاغ سىيرىلىپ چۈشكەن. نەتىجىدە ئاز دېگەندە 40 ئۆي تاش ئارىلاشقان پاتقاقلارنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان. نۆۋەتتە 15 ئادەمنىڭ رەسمىي قازا قىلغانلىقى دەللەنگەن بولسىمۇ، 120 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان.

شىنخۇا ئاخباراتى دەسلەپكى خەۋىرىدە تاغ سىيرىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىغانلار سانىنى 141 دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ سان كېيىن 121 گە چۈشۈرۈلگەن. شىنخۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاغدىن ئېقىپ چىشكەن تاش ۋە پاتقاقلار مەزكۇر ناھىيە تەۋەسىدىكى دەريانىڭ ئىككى كىلومېتىر بۆلىكىنى توسۇپ قويغاندىن باشقا، 1 يېرىم كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى بۇزۇۋەتكەن. نۆۋەتتە ناھىيىگە كىرىدىغان يول ئېغىزلىرى توسۇلۇپ جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت