خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي دولقۇن قوزغىغانلىقى مەلۇم بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇپمۇ جەنۇبتىكى ئۇچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە ساقلاش»، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش» قا ئوخشاش بىر قاتار سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ يەنە بىر بالداق ئۆرلىگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

قەشقەر خەۋەرلەر تورىدا تارقىتىلغان يەنە بىر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر جايلاردا 2-تۈركۈمدىكى «باش تېما تەربىيەسى» قانات يايدۇرۇلماقتىكەن. خەۋەردە كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ بۇ جەھەتتە قىلغان خىزمەتلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان: «كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىننەتدارلىق تەربىيەسى بازىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆرگەزمە سارىيىدا ئېكسكۇرسىيە-ئۆگىنىش ئەپ بېرىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كونىشەھەر ناھىيەسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنى قايتا يادقا ئېلىندى. . . كونىشەھەر ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى يەنە ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن بىرلىشىپ «تۆۋەن چەكنى يوقىتىشنىڭ بەدىلى» ناملىق ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمىنى سۈرەتكە ئالدى»

خەۋەردىن قارىغاندا، كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى كادىر-ئامما ھەممىسى بىردەك «مەسىلە تاپشۇرۇش» قا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تۆۋەندىكىلەر دېيىلگەن: «. . . پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىنى تەتبىقلاپ سىياسىي يۈكسەكلىك، نەزەرىيە ئۆگىنىش، باش مەقسەت ئېڭى، ئىقتىدار-سەۋىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىدىن 1268نى تېپىپ چىقتى. . . دېھقان ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلىش، پىكىر ئېلىش جەدۋىلى تارقىتىش، پىكىر ساندۇقى تەسىس قىلىش. . . قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىدىن كەڭ دائىرىدە پىكىر-تەكلىپ ئالدى. 788 ئائىلىنى زىيارەت قىلىپ، قالدۇرۇلغان سۆز ۋە پىكىردىن 973نى قوبۇل قىلدى».

خىتاينىڭ شىنخۇا تورى تارقاتقان خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى پېڭشىنمۇ يېقىندا قەشقەر شەھىرى ۋە مەكىت ناھىيەلىرىنى زىيارەت قىلىپ، يۇقىرىدىكى بۇ سىياسەتلەرنىڭ قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش تېما تەربىيەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەن ئىكەن.

يېقىندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە شى جىنپىڭنىڭ باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچە قاتتىق تەكىتلەۋاتقانلىقى نامەلۇم. بىراق چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ لاگېرلارغا ئائىت ئىچكى ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت