ۋىلسون مەركىزى 1945-يىلىدىكى سوپاخۇن ھەققىدە بېرىيا ۋە ستالىنلارغا يوللانغان مەلۇماتنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-01-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1934-1949-يىللاردىكى ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت مەخپىي ھۆججەتلىرى ئارخىپى قاتارىغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئەۋەتكەن ئالاھىدە ۋەزىپە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال ئېگناروۋنىڭ ئاقسۇغا پارتىزانلىق ئۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىغان سوپاخۇن سوۋۇروف پارتىزانلىق ئەترىتى ھەققىدە يۇقىرىغا يوللىغان بىر پارچە مەخپىي مەلۇماتى ئورۇن ئالغان.

«سېرگېي» تەخەللۇسىنى قوللانغان ئېگناروۋنىڭ 1945-يىلى، 18-ئىيۇل كۈنى مەخسۇس سوپاخۇن پارتىزانلىق ئەترىتىنى تەشكىللەپ، ئاقسۇغا ئەۋەتىش مەسىلىسى ھەققىدە يوللىغان دوكلاتى ئۆزگىچە بولۇپ، مەلۇماتتا ئاقسۇ-كۇچار رايونلىرىدىكى ۋەزىيەت، بولۇپمۇ كۇچار رايونىدىكى گومىنداڭ كۈچلىرىنىڭ يەرلىك خەلققە سېلىۋاتقا زۇلۇملىرى، يەنى گومىنداڭنىڭ ئاھالىنىڭ ئات-ئۇلاغلىرى بىلەن سىرتقا چىقىشىنى چەكلەۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئات-ئۇلاغلىرى، مەش ۋە قاچا-قومۇچلىرىنى تارتىۋېلىۋاتقانلىقى، ئات-ئۇلاغلارنى بايغا توپلاۋاتقانلىقى، خەلقنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ جىددىي ئىكەنلىكى مەلۇم قىلىنغان.

«سېرگېي» يەنە ئاقسۇ-باي ئەتراپىغا 150 كىشىلىك پارتىزان ئەترىتى ئەۋەتىش زۆرۈرىيىتى ۋە بۇ ئەترەتنىڭ «سادىق» يەنى، جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتلىرى بىلەن قۇرۇلۇپ بولۇنغانلىقى، ئەترەت باشلىقلىقىغا سوپاخۇننى تەيىنلىگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ 90 ئۇيغۇر ئەسكىرىنىڭ بۇ ئەترەتكە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىدۇ.

ئۇ، ئاقسۇغا چۈشىدىغان ئەترەتنىڭ ئاساسەن جەنۇبلۇقلاردىن تەركىپ تاپقانلىقىنى كۆرسىتىپ، سوپاخۇننىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، سوپاخۇننى «ئاقسۇلۇق»دەيدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنى«سۇفى ئاخۇن»، فامىلىسىنى بولسا«سۇربايېۋ» دەپ ئاتايدۇ شۇنىڭدەك يەنە ئۇنىڭ شىخودىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ كوماندىرى بولغانلىقى ۋە ئۆزى بىلەن «قەشقەرلىق 90 ئۇيغۇر ئەسكەر»نى باشلاپ، قوزغىلاڭچىلار تەرەپكە ئۆتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە خىزمەت قىلىپ ئىجابىي باھاغا ئېرىشكەنلىكى»نى بايان قىلىدۇ.

مەزكۇر پارتىزانلىق ئەتىرىتىگە يەنە ھۆكۈمەت ۋەكىلىنىڭ باشچىلىقىدا جەنۇب بىلەن ئالاقىسى بار نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ گۇرۇپپىسى قاتناشقانلىقى، ئۇلارنىڭ گېزىت، تەشۋىقات ۋەرەقەلىرى ۋە«سادىق»نىڭ، يەنى ئەلىخان تۆرىنىڭ ئاقسۇدىكى نوپۇزلۇق كىشىلەرگە يازغان خەتلىرىنى ئېلىپ ماڭىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

«سېرگېي»، يەنى ئېگناروۋ، ئاخىرىدا سوپاخۇن قوماندانلىقىدا ئاقسۇغا ئەۋەتىلىدىغان بۇ 150 كىشىلىك پارتىزانلىق ئەترىتىنىڭ ۋەزىپىسى ھەققىدە توختىلىپ،«سۇربايېۋنىڭ پارتىزانلىق ئەترىتىنىڭ ھەرىكىتى قەشقەردىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئىمكانىيىتى ۋە مۇۋاپىقلىقىنى سىناپ بېقىشتىن ئىبارەتتۇر» دەپ تەكىتلەيدۇ.

مەزكۇر مەخپىي مەلۇمات «پاۋېل پېتروۋ» تەخەللۇسىدىكى كىشىگە ئەۋەتىلگەن بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسارى بېرىيانىڭ ئۆزىدۇر. مەزكۇر دوكلات ئۇنىڭغا ئەۋەتىلگەندىن تاشقىرى يەنە سوۋېت ئالى رەھبەرلىرىدىن يوسىف ستالىن ۋە ۋىچىسلاۋ مولوتوۋلارغىمۇ يوللاپ بېرىلگەن.

سوپاخۇن سوۋۇروپنىڭ 2010-يىلى نەشىر قىلىنغان ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، سوپاخۇن سوۋۇروۋ، قاسىمجان قەمبىرى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدىكى ئاقسۇغا چۈشكەن پارتىزانلىق ئەتىرىتى باشتىن ئاخىرى ئۆزلىرى مۇستەقىل جەڭ قىلغان بولۇپ، ئۇلارغا غۇلجا تەرەپتىن كەڭ دائىرىدە ھەربىي ياردەم، يەنى، ئەسكىرى كۈچ، ئوق-دورا،قورال-ياراق كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار باي، كونا شەھەرنى ئىگىلەش بىلەنلا چەكلەنگەن ۋە ئاقسۇ شەھىرىنىمۇ ئالالمىغان ۋە ئاخىرىدا مەجبۇرى چەكىندۈرۈپ كېتىلگەن ئىدى. مەزكۇر مەخپىي دوكلاتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ بۇ پارتىزانلىق ھەرىكىتىنى پەقەت «سىناق» تەرىقىسىدە پايدىلانغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئاقسۇ ۋىلايىتىنى ئازاد قىلىشىنى خالىغان ئەمەس ئىدى.

ئاقسۇ ئۇرۇشى ئەمەلىيەتتە مىللىي ئارمىيەنىڭ ئوتتۇرا فرونتى،يەنى جىڭ ۋە شىخودىكى ئاساسلىق ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن گومىنداڭ ئارمىيەسىنى كونترول قىلىپ تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە خىزمەت قىلدۇرۇلغان ئىدى.

گېنېرال ئېگناروۋ ئاقسۇدىكى ھەربىي پائالىيەتلەر ۋە سوپاخۇن ھەققىدە بېرىيا، ستالىن ۋە مولوتوۋ نامىغا كېيىن داۋاملىق تۈردە مەخپىي دوكلاتلارنى يوللاپ تۇرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت