ۋىلسون مەركىزى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ 1935-ۋە 1936 يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئادەم تەربىيەلەشكە ئاجراتقان مەبلىغىنى ئاشكارا قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-11-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1930-ۋە 1940-يىللىرىدىكى تارىخىي ۋەزىيىتىنىڭ سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك تەسىر دائىرىسىدە بولغانلىقى ھەممىگە مەلۇم.

ھالبۇكى، سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئارىدىن 20 نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە مەخپىي ئارخىپلىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىغا دائىر ھۆججەتلەرنىڭ تولۇق ئاشكارا بولماسلىقى تارىخچىلارغا ھېلىھەم قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتىكەن.

ۋاشىنگتوندىكى ۋىلسون تەتقىقات مەركىزىنىڭ سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىگە بېغىشلانغان ئارخىپ ئامبىرى بۇ جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئاشكارا قىلماقتا.

ۋىلسون مەركىزى يېقىندا سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ 1935-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئېلىدىن سوۋېتكە ماھىل ئادەم تەربىيەلەش ئۈچۈن يىلىغا 1 مىليۇن 200 مىڭ رۇبلىي مەبلەغ ئاجراتقانلىقى ھەققىدىكى ئىككى پارچە مۇتەق مەخپىي ھۆججەتنى ئاشكارىلىغان.

بىرىنچى پارچە ھۆججەت سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسى تەرىپىدىن 1935-يىلى 31-ئاۋغۇست كۈنى چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېتىپ كەلگەن كىشىلەر ئۈچۈن جەمئىي 1 مىليۇن 200 مىڭ رۇبلىي مەبلەغ ئاجرىتىش توغرىسىدا ن ك ۋ د، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىغا ئۇقتۇرۇش قىلىنغان.

ئىككىنچى پارچە ھۆججەت سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسى تەرىپىدىن 1936-يىلى 20-ئاپرىل كۈنى چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ن ك ۋ د، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارغان كىشىلەر ئۈچۈن جەمئىي 1 مىليۇن 206 مىڭ رۇبلىي سەرپ قىلىشىنى تەستىقلىغان.

ھالبۇكى، مەزكۇر ھوججەتلەردە ئۇيغۇر ئېلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېتىپ بارغان كىشىلەرنىڭ كىملىكى ئەسكەرتىلمىگەن. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار، بۇ پۇل بەلكىم 1935-ۋە 1936-يىللىرى تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاجرىتىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قىياس قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت