ۋىلسون مەركىزى بېرىيانىڭ ستالىن قاتارلىقلارغا يوللىغان مىللىي ئارمىيىنىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە ئائىت دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-02-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى توپلىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1934-1949-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت ئارخىپ ھۆججەتلىرى قاتارىغا سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى لاۋرېنتى بېرىيانىڭ 1945-يىلى، 9-ئاينىڭ 5-كۈنى سىياسىي بىيورو ئەزالىرىدىن ستالىن، مولوتوۋ ۋە مالېنكوۋ قاتارلىقلارغا يوللىغان 1945-يىلى، 28-ئاۋغۇستقىچە بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەربىي ۋەزىيەت ھەققىدىكى دوكلاتى ئورۇن ئالغان.

بېرىيا دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، 1945-يىلى 28-ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتا ئەلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا يۆنىلىشتە جىڭدىن باشقا پۈتۈن ئىلى ۋىلايىتىنى، شىمالدا تارباغاتاي ۋىلايىتىنى ۋە ئالتاينىڭ بىر قىسىم ناھىيىلىرىنى ئۆز كونتروللۇقنى ئاستىغا ئالغان.

ئۇ يەنە، جەنۇبتا باي، تاشقورغان، بۇلۇڭكۆل، سۇبېشى قاتارلىق جايلاردىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىمۇ مەلۇم قىلغان.

بېرىيانىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 28-ئاۋغۇستقىچە بولغان ئۇرۇشلاردا گومىنداڭ قوشۇنلىرىدىن 4182 ئادەم ئەسىرگە ئېلىنىپ، 3676 ئادەم ئۆلگەن. قوزغىلاڭچىلار تەرەپتىن 314 ئادەم ئۆلۈپ،548 ئادەم يارىلانغان.

بېرىيانىڭ ستالىن قاتارلىقلارغا مەلۇم قىلىشىچە، بۇ ۋاقىتتىكى مىللىي ئارمىيىنىڭ ئادەم سانى 17 مىڭغا يەتكەن بولۇپ؛ مىللىي ئارمىيە قوشۇنلىرى ئىككى ئاتلىق برىگادا، بەش پىيادە پولك، بىر ئاتلىق پولك، ئالتە ئاتلىق باتاليون، بىر زەمبىرەكچىلەر باتاليونى ۋە بىر پىلىموتچىلار ئېسكادرونى ھەم 12 پارتىزان ئەترىتىدىن ئىبارەتتۇر.

بېرىيا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تېزلىكتە ئىچكىرى خىتايدىكى ما بۇفاڭنىڭ 12 مىڭ كىشىلىك دىۋىزىيەلىرىنى يۆتكەشكە باشلىغانلىقىنى شۇنىڭدەك جاڭ كەيشىنىڭ ئىچكىرىدىكى ياخشى ھەربىي تەلىم تەربىيە كۆرگەن قوشۇنلارنى يۆتكەشنى ۋە 200 ئايروپىلان ئاجرىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئاخىرىدا بېرىيا، گەرچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى يەنىلا ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇۋاتقانلىقى، كەلگۈسىدە خىتاي قوشۇنلىرىنىڭ قوزغىلاڭچىلارغا قارىتا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشى باشلانسا، قوزغىلاڭچىلارنىڭ تاقابىل تۇرۇشى قىيىن بولىدىغانلىقى، ئەگەر ئۇلار مەغلۇپ بولسا، قوراللىق قوزغىلاڭچىلار ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ سوۋېت تېررىتورىيىسىگە كىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، سىياسىي بىيورودىن مۇنداق ۋەزىيەتتە قوزغىلاڭچىلارنى داۋاملىق قوللاش كېرەكمۇ ياكى قانداق چارە قوللىنىش كېرەك دېگەن مەسىلىلەردە كۆرسەتمە بېرىشنى سورىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت