ۋىلسون مەركىزى ستالىننىڭ 1934-يىلى ئىيۇلدا شېڭ شىسەيگە قايتۇرغان جاۋاب مەكتۇبىنى ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-01-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ۋىلسون تەتقىقات مەركىزى يېقىندا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىننىڭ 1934-يىلى 27-ئىيۇل كۈنى شېڭ شىسەيگە يازغان بىر پارچە جاۋاب مەكتۇبىنى ئېلان قىلغان.

ستالىننىڭ بۇ مەكتۇبى شېڭ شىسەينىڭ 1934-يىلى 6-ئايدا ستالىنغا يوللىغان تۇنجى مەكتۇبىغا بېرىلگەن جاۋاب ئىكەن.

مەزكۇر مەكتۇبتا ستالىن ئۆز نامى ھەمدە مولوتوف ۋە ۋوروشىلوفنىڭ نامىدىن شېڭ شىسەيگە مۇنۇلارنى قەيت قىلغان:

«شېڭ شىسەي ئەپەندى، بىز سىزنىڭ 1934-يىلى ئىيۇندا يازغان مەكتۇبىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. سىزنىڭ ئىنتايىن دوستانە ھېسسىياتىڭىزغا تەشەككۈر بىلدۈرىمىز. شەك-شۈبھىسىزكى، سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز ۋە قايتماس ئىرادىڭىز بولمىغىنىدا شىنجاڭدا تىنچلىق ئورنىتىلمىغان بولاتتى. بىز بۇ يەردە سىزگە تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمىز. بىرىنچىدىن، سىزنىڭ ئىنتايىن تېز سۈرئەت بىلەن شىنجاڭدا كوممۇنىزمنى يولغا قويماقچى بولغانلىقىڭىزنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، دەپ قارايمىز. ئىككىنچىدىن، سىزنىڭ شىنجاڭنى بازا قىلىپ تۇرۇپ نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش پىلانىڭىزنى توغرا ئەمەس دەپ قارايمىز. ئۈچىنچىدىن، سىزنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئەزا بولۇشىڭىزنى ھازىرچە مۇۋاپىق ئەمەس، دەپ ئويلايمىز. تۆتىنچىدىن، سىزگە ئىشىنىش مەسىلىسىدە بىز ئالىقاچان ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن بۇنى ئىسپاتلىدۇق. بىزنىڭ سىزگە ياردەم قىلىشىمىز ۋە يول كۆرسىتىشىمىزنىڭ ئۆزى سىزگە ئىشەنگەنلىكىمىزنىڭ ئىپادىسى، دەپ بىلىشىڭىزنى سورايمىز.»

ستالىننىڭ مەكتۇبى ناھايىتى ئېنىقكى، شېڭ شىسېينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كوممۇنىزم سىستېمىسىنى ئورنىتىش، نەنجىڭدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن قول ئۈزۈپ، مۇستەقىل كېنەزلىك تىكلەش ھەمدە ستالىنغا ياخشىچاق بولۇپ، سوۋېت بولشېۋىكلار پارتىيەسىگە ئەزا بولۇش قاتارلىق پىلانلىرىنى رەت قىلغان. ستالىننىڭ بۇ جاۋاب مەكتۇبى ئۇنىڭ شېڭ شىسەيگە تېخىچە تولۇق ئىشەنچ تۇرغۇزالمىغانلىقى ۋە ئۇنى بىر مەزگىل كۆزىتىش خىيالىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

تارىخچىلار، 1934-يىلى شېڭ شىسەي بىلەن ستالىن ئارىلىقىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدە يېزىشقان مۇتلەق مەخپىي مەكتۇبلار ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇرەككەپ تارىخىي شارائىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم تارىخىي ھۆججەتلىك قىممىتىگە ئىگە، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت