ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2020-11-27
تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 27-نويابىر نىگېر پايتەختى نىيامىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالغان.
2020-11-27
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ قاراقۇرۇم تاغلىق رايونىدىكى ئۇيغۇر دېھقان-چارۋۇچىلىرىنى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا كەڭ كۆلەملىك كۆچۈرگەن ئىدى.
2020-11-27
«ياۋروپا يەھۇدى ئاخباراتى» 26-نويابىر ماقالە ئېلان قىلىپ، ياۋروپانى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشىغا قارشى تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان.
2020-11-27
جەنۇبىي كورىيەدىكى داڭلىق بىر سەنئەت شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا چېتىشلىق بىر خىتاي تېخنىكا شېركىتى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى جەنۇبىي كورىيەلىك سەنئەت مەستانىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.
2020-11-26
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «سوتسىيالىستىك شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋرىنى بەرپا قىلىش» نى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىدى.
2020-11-26
ھىندىستاندا نەشىردىن چىقىدىغان «ئىقتىساد ۋاقتى گېزىتى» ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنى زىيانكەشلىك ھەققىدە خەۋەر تارقىتىپ، «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئىماملىرىنى تۇتقۇن قىلىپ لاگېرغا قامىدى،» دەپ يازغان.
2020-11-26
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تەخمىنەن 5 مىليون يەرلىك دېھقان-چارۋىچىنى ئۆي-زېمىنلىرىدىن ئايرىپ كۆچۈرۈۋەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.
2020-11-26
تۈركىيە ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 26-نويابىر تارقاتقان خەۋەرگە قارىغاندا، ئىستانبۇل ساقچى دائىرىلىرى ئىستانبۇلنىڭ ئاۋجىلار رايونىدىكى دېنىزكۆشكلەر مەھەللىسىدە قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلانغان يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە 11-نويابىر كۈنى 29 ياشلىق ئەزەربەيجانلىق ت. ئالىيېفنى قولغا ئالغان.
2020-11-25
1989-يىل يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، يىللاردىن بۇيان تەيۋەندە پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ پەخرىي رەئىسى ئۆركەش دۆلەت تەيۋەن پارلامېنتى (تەيۋەن قانۇن چىقىرىش كومىتېتى) دا قۇرۇلغان كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئىجرائىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەن.
2020-11-25
تەتقىقاتچى راھىلە داۋۇت 2017-يىل 12-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايب قىلىۋېتىلگەنىدى. 23-نويابىر كۈنى، ئامېرىكادا چىقىدىغان تورىدا رۇز ئىنگرەم (Ruth Ingram)ئىسىملىك ئاپتورنىڭ «ئۇيغۇر فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت نەدە؟» ناملىق بىر ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
2020-11-25
خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 25-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، 14-نويابىر كۈنى توقسۇ ناھىيەسىدە خەن، تاڭ سۇلالىسى مەدەنىيىتى جەمئىيىتى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جەمئىيەتكە ئۇيغۇر، خىتاي، شېۋە، موڭغۇل بولۇپ، 52 ئادەم ئەزا بولغان.
2020-11-25
«ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ 25-نويابىر تارقاتقان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كۇچا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى خانىقىتام خەلق سوتى «مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق سوتىدىكى ئىلغا كوللېكتىپ» بولۇپ باھالانغان.
2020-11-24
ئامېرىكا دېموكراتىيەسى ئېغىر كىرىزىسلارغا دۇچ كەلمەكتە، دەپ قارىلىۋاتقاندا بۇ ھالنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا، بولۇپمۇ خىتايدا تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان زور غۇلغۇلا قوزغاشقا باشلىدى.
2020-11-24
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش ھەمدە تۇغماس قىلىۋېتىش تەدبىرلىرىنى ئىشقا سالغانلىقى يېقىندىن بۇيان كۆپ تەرەپلىمە ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولغانىدى.
2020-11-24
دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى جوۋ بايدىننىڭ پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا يېڭىپ چىققانلىقى ھەققىدە ئامېرىكادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۆپلەپ خەۋەر بېرىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە رەسمىي ئىپادە بىلدۈردى.
2020-11-24
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىدە دىنىي ئامىلنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇن بولۇۋاتقانلىقى ئۇزۇندىن بۇيان مەلۇم بولسىمۇ، كاتولىك دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئالىي دىنىي رەھبىرى بولغان پوپ فرانسىس خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش مەزمۇنىدا سۆز قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىپ كەلگەنىدى.
2020-11-24
يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر مۇھاجىرنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ھەمدە ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلدى.
2020-11-23
كانادانىڭ «چولپان» تورى 21-نويابىر ماقالە ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە، كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىكى چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كانادا ھۆكۈمىتى ۋە پۇقرالىرىغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى، ئەمما كۆزلەنگەن ئۈنۈمگە تېخى ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
2020-11-23
«ئامېرىكا ئاۋازى» تورىنىڭ 22-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جېنس ستولنبېرگ خالىفەكس خەلقئارا خەۋپسىزلىك مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاينىڭ قارا نىيىتى، ئىستراتېگىيەسى ۋە دۇنيانىڭ ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشى مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان.
2020-11-23
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىنىشىچە، داڭلىق ناخشىچى ۋە كومپوزىتور مەھمۇت سۇلايمان بۇ يىل 22-نويابىر ئۈرۈمچىدە 52 يېشىدا يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان.
2020-11-23
ئامېرىكادىكى «بىرلەشمە ئاگېنتلىق خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 23-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ تيەنجىن، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلىرىدە يەرلىك يۇقۇمدارلاردىن تارالغان كورونا ۋىرۇسى بايقالغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان پۇقرالىرىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، شەھەرنىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىنى قامال قىلغان ۋە مەكتەپلەرنى تاقىغان.
2020-11-23
23-نويابىر «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرشۇناس تارىخچى جوشۇۋا فرىمەننىڭ «خىتاي مېنىڭ پروفېسسورۇمنى غايب قىلىۋەتتى، ئەمما ئۇنىڭ شېئىرىنى جىمىقتۇرالمايدۇ» ناملىق بىر ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، «خىتاينىڭ بۇ زوراۋانلىقى ئالدىدا شېئىر گەرچە ھېچنېمىگە ياردەم بېرەلمىسىمۇ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇمۇ بىر كۈچلۈك قارشىلىق قىلىش قورالىدۇر» دېگەن نۇقتىئنەزەرنى يورۇتۇپ بەرگەن.
2020-11-20
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى، خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى چېن چۈەنگونىڭ بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سىياسىي بيۇرو ئەزالىرىنىڭ يىغىنىغا قاتناشماسلىقى «شىنجاڭنىڭ كېلەچىكى» ھەققىدە سۇئال پەيدا قىلغان.
2020-11-20
كانادادىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە-كونسېرىۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئېرىن ئوتول، ئەگەر سايلامدا غەلىبە قىلىپ قالسا خىتايغا قاتتىق قول بولىدىغانلىقى، ئامېرىكاغا ئوخشاش خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2020-11-20
قۇرۇلغۇسى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىۋاتقان، دېموكراتىك پارتىيەدىن كېلىپ چىققان كېڭەش پالاتا ئەزاسى كرىس كۇنس 20-نويابىر رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي مەسىلىسىدە بېيجىڭنى «مەغلۇپ قىلىدىغان» ئورتاق سىياسەتنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2020-11-20
ئەنگلىيەلىك تەتقىقاتچى جوئان فىنلېي سىمىس خانىم» ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەتقىقات ژۇرنىلى «دا ماقالە ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى تەتقىقاتچى، پائالىيەتچى سىياسىيون ۋە ئادۋوكاتلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا» ئىرقىي قىرغىنچىلىق «يۈرگۈزۈۋاتقانلىق ئەندىشىسى كۈچىيىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئەندىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرگەن.
2020-11-20
ئامېرىكادكى «خرىستىئان ئىلمىي رىسالىسى» گېزىتى ماقالە ئېلان قىلىپ، خوللىۋودنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشىغا كۆز يۇمغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
2020-11-19
ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى يۈزسىزلىكى يەنە بىر قېتىم تەنقىد ئوبيېكتى بولدى. «يېرۇسالېم پوچتىسى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ مۇناپىقلىقىنى چۈشىنىش» ناملىق مۇلاھىزە ماقالىسىدە يېقىندا فىرانسىيەدىكى بىر مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قورقۇنچلۇق شەكىلدە ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروننىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغدىشى ۋە ئارقىدىن بۇنىڭغا قارشى نېس ۋە ۋىيېنادا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ يۈز بېرىشى قاتارلىق ۋەقەلەر ئەسلىتىلىپ، مۇسۇلمان رەھبەرلىرىنىڭ فىرانسىيە ۋە خىتايغا قايتۇرغان ئىنكاسى سېلىشتۇرۇلغان.
2020-11-19
خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر كوناشەھەردە باشلىغان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، قەشقەردە زور كۆلەملىك بىر داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىغا ئۇل سېلىنىشى دىققەت قوزغىدى.
2020-11-19
19-نويابىر كۈنى ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەگە كىشىلىك ھوقۇق، مۇستەقىل ئاخبارات ۋە مەبلەغ سېلىش سىياسەتلىرىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان ئون نەچچە ماددىلىق نارازىلىق تىزىملىكىگە جاۋاب قايتۇرۇپ: «بىز ھامان ئاۋسترالىيە بولىمىز،» دېگەن.