ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2017-12-30
مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تەقىب ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى شىمالىي كورېيە ۋەزىيىتى ۋە ئىرقى ئايرىمىچىلىق تۈزۈمى نەچچە ئون يىل داۋام قىلغان جەنۇبىي ئافرىقىغا ئوخشاتقان.
2017-12-30
جۈمە كۈنى تۈركىيە رۇسىيە دائىرىلىرى بىلەن S-400 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشى كېلىشىمى ئىمزالىغان.
2017-12-30
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىن باشلىنىپ خىتاي، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلارنى بىر بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان بىر تۆمۈريول لىنىيەسىنى ياساش پىلان قىلىنغان.
2017-12-30
بىرمىغا ساياھەتكە بارغان بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ قەپەستىكى بىر قارا ئېيىقنى مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن سىن كۆرۈنۈشى تورغا چاپلانغاندىن كېيىن كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.
2017-12-29
خىتاي راكېتا قىسىملىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «شەرق شامىلى-17» ناملىق ئىلغار تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان.
2017-12-29
دونالد ترامپ تۋىتتېردا خىتاينى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ شىمالىي كورېيەگە نېفىت توشۇپ، «نەق مەيداندا تۇتۇپ قالغانلىقى» نى بىلدۈردى.
2017-12-29
تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن تەيۋەن قوراللىق كۈچلىرىنى خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى يېقىندىن كۆزىتىشكە ۋە تېگىشلىك تەدبىر ئېلىشقا بۇيرۇغان.
2017-12-29
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا قارار ماقۇللاپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە مەمۇرىي قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بېرىشنى تەستىقلىغان.
2017-12-29
چەرچەن ناھىيىسى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلارغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىدىكى تىغلىق ئەسۋاپلارغا 1-يانۋاردىن بۇرۇن نومۇر قويدۇرۇپ بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.
2017-12-28
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى تەنقىدلىگەنلىكى ئۈچۈن 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خىتاي ئادۋوكات جاڭ خەيتاۋنىڭ ئايالى ئوغلى بىلەن بىرلىكتە يېقىندا ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن.
2017-12-28
ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە ئەلچىخانىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋۇگەننى قويۇۋېتىش ھەققىدە قىلغان چاقىرىقى خىتاينى نارازى قىلدى.
2017-12-28
ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە تۇققانلىشىش ھەپتىلىكى» دەيدىغان بىر پائالىيەت باشلىتىلغان.
2017-12-28
«ھاكىمىيەتنىڭ قاتتىق قول سىياسەتلىرى مول يەر ئاستى بايلىقىغا ئىگە بولغان بۇ زېمىندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاشماقتا.»
2017-12-28
خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ بېرما ئارمىيىسىنىڭ روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان باستۇرۇشىنى توختىتىش ئۈچۈن ئېلىنماقچى بولغان بەزى قارارلارنى قوللىماسلىقى تەنقىدكە ئۇچرىغان.
2017-12-28
ئۈرۈمچىدە يېقىنقى يىللاردا قۇرۇلغان زاۋۇت-كارخانىلار تارقاتقان نىتروگىن ئوكسىد ۋە باشقا ئورگانىك ماددىلار ھاۋانىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىدىن ھالقىپ كەتكەن.
2017-12-28
كېلەر ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە خىتاي كومپارتىيىسى خىتاي ئاساسى قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە بىر مۇزاكىرە يىغىنى ئاچماقچى.
2017-12-28
ياپونىيەنىڭ «ئىزۇمو» ۋە «كاگا» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئاۋىئاماتكىغا ئۆزگەرتىش پىلانى خىتاي تەرەپنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.
2017-12-28
دانىيەلىك تەتقىقاتچى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
2017-12-28
كورلانىڭ 10مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ئاۋات يېزىسىدا پەقەت بىرلا ئىمام تۇتۇلۇشتىن ئامان قالغان.
2017-12-26
سەيشەنبە كۈنى ئافغانىستان، پاكىستان ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بېيجىڭدىكى بىرلەشمە يىغىندا بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بولغۇسى «تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە قارشى زىچ ھەمكارلىقتا بولۇشى» غا كېلىشكەن.
2017-12-26
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دونتسېنتى ئىلھام توختى 2014-يىلى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىن بۇيان ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىزچىل پاراكەندىچىلىككە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ جىيەن قىزىنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال ئون يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.
2017-12-26
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ 11-دېكابىردىن باشلاپ ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىشى ھەمدە ئۇلار بىلەن 24 سائەت بىرگە بولۇشى باش تېما قىلىنغان «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» نۆۋەتتە جىددىي داۋام قىلماقتا.
2017-12-26
يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىدىكى بىرنەچچە چوڭ ۋە نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلىنىپ بولغانلىقى ھەمدە بۇ جايدا دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە مەۋجۇت بولمىغان گىرەلەشمە نازارەت سىستېمىسىنىڭ ئورنىتىلىشى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەرلەر ئىشلىدى. نۆۋەتتە بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار ياۋروپادىكى گېزىتلەردىنمۇ كەڭ يەر ئالماقتا.
2017-12-26
خىتايدىكى پۇتبولچىلىق ساھەسىدە ئەڭ نوپۇزلۇق ئورگانلاردىن بولغان خىتاي پۇتبول ئىنستىتۇتى 25-دېكابىر كۈنى «شىنجاڭ شۆبە ئىنستىتۇتى» قۇرۇش ھەققىدە كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
2017-12-25
ئۇيغۇرلار دىيارىدا جىددىي داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي بۇرۇقتۇملۇق ۋە تەقىب پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولۇۋاتقان بىر پەيتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە كۆپلەپ ئېلان چىقىرىشى دىققەت قوزغىماقتا.
2017-12-25
ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىندىن بۇيان پاش بولغان ۋە سوت ھۆكۈمى چىقىرىلغان ئىقتىسادىي دېلو جاۋابكارلىرىغا ھەرقاچان «سىياسىي» خاراكتېردىكى دېلولارغا چېتىلىپ قالغانلارغا قارىغاندا يەڭگىل جازا بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
2017-12-25
يېقىندا رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى» دەپ ئاتىلىدىغان موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە موڭغۇل تىلىنى ئوقۇتۇش تىلى قىلىشنىڭ مەنئى قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولدى.
2017-12-25
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى جايلاردا كەڭ ئومۇملاشتۇرۇۋاتقان مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۆتكەن يىللاردىن باشلاپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خىتاي ياشلىرىدىن كۆپلەپ ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.
2017-12-25
رادىئومىز كانتونچە بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 19 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان خىتاي ئادۋوكات جاڭ خەيتاۋنىڭ ئايالى ئوغلى بىلەن بىرلىكتە 23-دېكابىر تايلاند ئارقىلىق ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن.
2017-12-24
ئامېرىكىدىكى ۋۇدروۋ ۋىلسون مەركىزى ئېلان قىلغان 1957-1958-يىللىرى خىتاي تەرىپىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان «يەرلىك مىللەتچىلىك» كە زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ئائىت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارخىپ ھۆججەتلىرى قاتارىدا ئەينى ۋاقىتتا «ئەشەددى يەرلىك مىللەتچى» دەپ ئەيىبلەنگەن 20-ئەسىردىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەر زىيالىيلىرىدىن بىرى ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمى مەسىلىسىگە ئائىت ئۇچۇرلارمۇ ئورۇن ئالغان.