ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2018-12-31
غۇلجا ناھىيىسىدىكى «جيافاڭ كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرى باغچىسى» ناملىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا لاگېردىكىگە تۇتقۇنلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2018-12-31
خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى لاگېرلارغا قاراتقان تەنقىدىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قارىتا ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە.
2018-12-28
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، خىتايغا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغان.
2018-12-28
ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالىغا دائىر نۇرغۇن سىن ۋە رەسىملىك دەلىللەرنى تارقىتىپ كېلىۋاتقان «زىمىستان» تورىنىڭ خىتايدىكى 40 تەك مۇخبىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
2018-12-28
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 28-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمان دۇنياسىنى بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقتىكى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قورقۇنچلۇق جازالاش قىلمىشىغا قارىتا سۈكۈتنى بۇزۇشقا چاقىردى.
2018-12-28
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت 28-دېكابىر كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلقئارانى خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشقا، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان.
2018-12-28
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئاتالمىش ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇيغۇر ئائىلە ئاياللىرىغا قاراتقان.
2018-12-27
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشىنى، مىللىي مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشىنى شۇنداقلا ئىسلامىي كىملىكىنى ساقلىشىنى قاتتىق چەكلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان جايلاردا خىتاي مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئورگانلارنى قۇرۇپ، مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
2018-12-27
«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» نىڭ خەلقئارا نەشرىدۇر. مەزكۇر گېزىت بۈگۈن باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسەتلىرىنى پاش قىلغان ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.
2018-12-27
تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىليونلارچە كىشى قامالغان لاگېرلارنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى سۈرۈشتە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر تەكلىپ لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2018-12-27
ھىندونېزىيەدىكى «جۇمھۇرىيەت خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندونېزىيەدىكى بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېتلار بۈگۈن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئورگانلارنى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.
2018-12-27
چىرا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىدا بېسىلغان بىر خەۋەرگە قارىغاندا، چىرا ناھىيەسىدە 21-دېكابىر كۈنى، «دېھقان-چارۋىچى ئاممىنى تەربىيەلەش كۇرسى» ئوقۇش باشلىغان.
2018-12-26
ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسىم ئاتالمىش «جىنايەتچىلەر» نىڭ خىتاينىڭ خېيلوڭجاڭ قاتارلىق جايلارغا يۆتكەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سىياسىتى بويىچە 25 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كەتكەنلىكى مەلۇم.
2018-12-26
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تۇمشۇق شەھىرىدىكى ئايرودرومغا 26-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ «جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى» نىڭ ئايروپىلانى قونۇشى بىلەن رەسمىي قاتناش باشلانغان.
2018-12-26
ئۇيغۇر دىيارىدىن مەيلى چەتئەلگە چىققانلىرى بولسۇن، ياكى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە جان بېقىش ئۈچۈن كەتكەنلىرى بولسۇن، كۆپ قىسمى دېگۈدەك خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي قايتۇرۇپ ئەكېتىلگەن ۋە ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش» كە ئەۋەتىلگەن.
2018-12-26
بۇ يىل 7-ئايدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ خىتايغا يۇقىرى ئۆسۈملۈك تاموژنا بېجى قويۇشى بىلەن خىتايدىكى نۇرغۇن زاۋۇتلاردا خىزمەتكە ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇشتەك بىر ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
2018-12-25
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ھەر ۋاقىت قوللىنىلىۋاتقان «ئۇچۇر ئۇرۇشى» ۋاسىتىسىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بىر چوڭ خىرىس بولۇۋاتقانلىقى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
2018-12-25
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرغان نازارەت سىستېمىسى، تۇتۇپ تۇرۇش سىستېمىسى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش چارىسى نۆۋەتتە خىتايدا تېزدىن ئومۇملىشىۋاتقان ئۇسۇللاردىن بىرى ئىكەن.
2018-12-25
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش ۋە زۇلۇملارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن خەۋەرلەر غەرب ئاخباراتلىرىدا كۆپلەپ يەر ئالغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى قايتىدىن غەرب دۇنياسىنى «قوش ئۆلچەم» مەسىلىسى بويىچە ئەيىبلىدى.
2018-12-25
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىدىيەۋى ساھەگە باغلاپ ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ ئۇزاق مەزگىل ۋە كۆلەم دائىرىسىدە داۋام قىلىدىغانلىقى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 25-دېكابىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى ئىپادە بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە ئۇزۇن مەزگىل كۈچكە ئىگە قىلىش ھەققىدىكى يوليورۇقتا روشەن ئالغا سۈرۈلىدۇ.
2018-12-25
ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر باستۇرۇشلار غەرب دۇنياسىدىكى ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقاندا ھىندونېزىيەدىكى كەڭ مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەكىتلەپ كەلگەن ھەمدە مۇشۇ سەۋەبتىن زور كۆلەملىك نامايىش تەشكىللىگەن ئىدى.
2018-12-24
خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان تەقىبلەش سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، رايوندىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلاردا ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان رېۋىزىيە ئىشخانىلىرى كەڭ ئومۇملىشىشقا باشلىغان.
2018-12-24
ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئامېرىكىدىكى بەزى شىركەتلەرنىڭ خىتاينىڭ خوتەندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان كىيىم-كېچەكلەرنى ئىمپورت قىلىپ، ئامېرىكا بازىرىغا سالغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن كېيىن مەزكۇر مەسىلىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
2018-12-24
خىتاي ھۆكۈمىتى 24-دېكابىر كانادانىڭ خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان كانادا پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، كانادانىڭ خۇاۋېي تېخنىكا شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلى مىڭ ۋەنجونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
2018-12-24
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇقىملىق سىياسىتى ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارغا «كۈلكىلىك» ۋە «يولسىز» تەلەپلەرنى قويۇشىغا سەۋەب بولماقتا ئىكەن.
2018-12-24
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئاساسلىق پاناھگاھى بولۇپ كېلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە «خىتاي شەھەرچىسى» نىڭ قۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2018-12-21
ھىندونېزىيەدىكى مىڭلىغان مۇسۇلمان 21-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ جاكارتادىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
2018-12-21
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوكيان شەھىرىدىكى بىر شۆبىسى يېقىندا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.
2018-12-21
خەلقئارا جەمئىيەت بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك دەلىللەر بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى داۋاملىق رەت قىلماقتا.
2018-12-21
21-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇر، تۈرك ۋە ئۆزبېكلەر نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشنى، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.