ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2019-12-31
مايك پومپېيو 3-يانۋاردىن 7-يانۋارغىچە بېلورۇسىيە، ئۇكرائىنا، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىدۇ، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 جۇمھۇرىيەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن «5 پلۇس 1» يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.
2019-12-31
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى 30-دېكابىر كۈنى خەۋەر بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەرزان باھالىق ئىشچىلار قوشۇنىغا ئايلاندۇرىۋاتقانلىقى، رەت قىلغانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2019-12-31
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 31-دېكابىر كۈنى تۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ، 1-باسقۇچلۇق ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىنىڭ 15-يانۋار كۈنى ئاقسارايدا ئىمزالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2019-12-31
«چەتئەل سىياسىتى» 30-دېكابىر كۈنى تەھرىرات ماقالىىسى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە شۇنچە كۆپ مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋاللارغا كۆزىنى مىتمۇ قىلىپ قويمىدى» دەپ خۇلاسە چىقاردى.
2019-12-31
يېتىم بالىلارنىڭ بىرى بولغان فاتىمە «مەن خىتايلارغا شۇنى دەپ قوياي: بىزنى بوزەك چاغلاشما! بىزنىڭ دۆلىتىمىز، خەلقىمىز پات ئارىدا سەنلەردىن ھېساب ئالىدۇ. ئۇلار بىزنىڭ دۆلىتىمىزنى تارتىۋالغان بىلەن بىز ئۇنى جەزمەن قايتۇرىۋالىمىز» دېگەن.
2019-12-31
مالايسىيا ھۆكۈمىتى پايتەخت كۇئالا لۇمپۇردىكى «ئىسلامىي تەپەككۈر ۋە مەدەنىيەت خەلقئارا ئىنىستىتۇتى» نى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇمغا دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىققان مەلۇماتلارنى دەلىللەشكە مەسئۇل قىلىپ بېكىتتى.
2019-12-30
مالايسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيفەتتىن ئابدۇللا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېتنىك كەمسىتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2019-12-30
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشنى «تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتسىز» دەپ ئېلان قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان.
2019-12-30
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلنىڭ باشلىرىغا قەدەر ئۇيغۇر باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 497 مىڭ بالىنى ئائىلىسى ۋە مەدەنىيىتىدىن ئايرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ «ياتاقلىق مەكتەپلىرى» گە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان.
2019-12-30
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ئاق سارايانىڭ رەت قىلىۋېتىش ئېھتىماللىقىغا قارشى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللاشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
2019-12-30
رۇسىيەنىڭ داغىستان جۇمھۇرىيىتىلىك مۇسۇلمان بوكسچى ئارتۇر بېتېربايېف، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى لاگېرلارغا قامىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشى سەۋەبلىك خىتايدا مۇسابىقىغە چۈشۈشنى رەت قىلغان.
2019-12-27
چۆچەك ۋىلايىتىدە پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاۋام خەلقنىڭ سىرتقا چىقىشتا جەدۋەل تولدۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
2019-12-27
، پروفېسسور تاش پولات تېيىپنىڭ ئامېرىكادىكى ئىنىسى نۇرى تېيىپ رادىيومىزغا بايانات بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تاشپولات تېيىپقا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى.
2019-12-27
قىرغىزىستاندىكى بىر ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ 350 مىڭ دوللار پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن قىرغىز پائالىيەتچىنىڭ يولدىشى سۇرغاق كەنجىبايېف ئالمۇتا خەلقئارا ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، قىرغىزىستانغا ئېلىپ كېلىنگەن.
2019-12-27
خىتاي ئاممىۋى تور قانىلى گېرمانىيە پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزى سەۋەبلىك توختىتىپ قويۇلغان ئەنگلىيە «ئارسېنال» پۇتبول كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقىسىنى قايتا قويۇشقا باشلىغان.
2019-12-27
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەنە بىر تۆۈركۈم كادىرلار مەركەزنىڭ «8 خىل بەلگىلىمىسى» گە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان.
2019-12-26
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا دۆلەت مۇداپىيە ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان «دۆلەت مۇداپىيە ئىجازەت قانۇنى» نى ماقۇللىدى.
2019-12-26
ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىن ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋىي رادىيوسىنىڭ «1A» رادىيو پروگراممىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم تونۇشتۇرۇلدى.
2019-12-26
كۇۋەيت پارلامېنتىنىڭ 27 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى كۇۋەيت ھۆكۈمىتىنى خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ ئىمزالىق بايانات ئېلان قىلغان.
2019-12-26
يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەمدە ئامېرىكانى ئەيىبلەش ھەرىكىتى قوزغىغان.
2019-12-26
پاكىستان دۆلەتلىك كالتەكتوپ ئەترىتىنىڭ سابىق تېرىنېرى شاھىدخان ئافرىدىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ يازغان تىۋىتتېر ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشى زور غۇلغۇلا قوزغىدى.
2019-12-25
مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمانلار ئۆتكەن ھەپتە نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى ۋە خورلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
2019-12-25
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنى باشلانغان يېقىنقى 3 يىل مابەينىدە كورلا شەھىرىنىڭ نوپۇسى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن.
2019-12-25
جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنت مەھكىمىسى 24-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى مۇن جى ئۇن خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرىدە خىتاينىڭ سىياسىتىنى قوللىدى، دېگەن سۆزلىرىنى رەت قىلغان.
2019-12-25
خىتاينىڭ يېڭى زېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاتاقلىق يېڭى زېلاندىيە زەيتۇن توپ چولپىنى سونىي بىل ۋىللىيامىسنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە «ساختا خەۋەرلەر» نىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2019-12-24
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام ئېتىقادى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان بارلىق ئادەتلەرنى «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك» كە باغلاپ باستۇرۇشى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىلىرىنى ھەر خىل شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنىدى.
2019-12-24
خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ ئىشلىگەن «ئۆركەشلەۋاتقان توشقان دەرياسى» ناملىق فىلىمنىڭ تۇنجى مەيدان قويۇلۇش مۇراسىمى 23-دېكابىر كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
2019-12-24
ئەنگلىيەدىكى ئالتە ياشلىق بىر قىزچاق مىلاد بايرىمى ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى (22-دېكابىر) سوۋغات كارتىسى سېتىۋالغان بولۇپ، كارتا ئىچىدىن چىققان مەخپىي يازما ئۇچۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى.
2019-12-24
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 24-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2019-يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى نامراتلىق ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان دېھقانلاردىن 76 مىڭ كىشى كەسىپ ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلغان.
2019-12-24
يېقىندا ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئون نەچچە كىشى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىگە بىرلەشمە مەكتۇپ يوللاپ، «شىنجاڭدىكى ئېغىر ۋەزىيەتكە باغلىنىشلىق بولغان خۇاۋېي شىركىتىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى 5G تېخنىكاسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى چەكلەش لازىم،» دەپ كۆرسەتتى.