ئاقسۇ مەبلەغ چاقىرىش ئۈچۈن سۇ ئىنشائاتىنى كۈچەيتمەكچى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017-03-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرىگە قارىغاندا، «جەنۇبى شىنجاڭ دېھقانچىلىق سودا يەرمەنكىسى» ئاقسۇ شەھىرىدىكى كۆرگەزمە مەركىزىدە 3-مارتتىن 5-مارتقىچە ئېچىلىدىغان بولۇپ، كۆرگەزمىنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەلىرىگە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ چاقىرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئاقسۇ دائىرىلىرى بۇ يىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، سودا چوڭ بازىرى ۋە رايون خاراكتېرلىك ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى غول مەركىزى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. ۋىلايەتلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى لى شۆجۈننىڭ سۆزىچە، پىلانغا ماس ھالدا بۇ يىل 3 مىليارد 900 مىليون سوملۇق سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى قىلىش نىشانى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ۋىلايەتنىڭ سۇ ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ-چوڭ تۈرلىرىنى تەستىقلاپ، تۈر تۇرغۇزۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

ھالبۇكى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى چەكلىك سۇ مەنبەسى ۋە تەبىئىي مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشى ئىزچىل ھالدا ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

ئانالىزچىلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، ئاقسۇدا ئۈنۈمدار يەرلەر ۋە سۇ مەنبەلىرىنىڭ ئاساسەن بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرى ھەمدە كۆچمەن خىتايلار تەرىپىدىن ئىگىلىنىشى، باراۋەر بولمىغان سىياسەتلەر تۈپەيلى ئۇيغۇر دېھقانلار قولىدىكى يەرلەرنىڭ تارتىۋېلىنىپ، سۇدىن قىسىلىپ، يەرلىك مىللەتلەر يېزا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىدىن مەنپەئەتلىنەلمەي كېلىۋاتقان بولۇپ، ئەكسىچە دۆلەتنىڭ مەبلىغى ۋە ئەۋزەل سىياسەتلىرى بىلەن بىڭتۇەن مەيدانلىرى پۈتۈنلەي ئىلغار ئۈسكۈنىلەشكەن، سۇ مەنبەلىرىنى ئىگىلىگەن. ئۇلار ئاساسلىق مەنپەئەت بېرىدىغان، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈنلەي مونوپول قىلغان.

لېكىن، بىڭتۇەننىڭ پىلانسىز يەر ئېچىش، كۆچمەن يۆتكەش تۈپەيلى ئېكولوگىيىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچىلەر ۋە مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت