ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرى رايوندا سۇ يېتىشمەسلىك، ئېكولوگىيەلىك بۇزۇلۇش ئېغىرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-05-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى رايونىدا قۇرغاقچىلىق، تۇپراقنىڭ شورلىشىشى، سۇ يېتىشمەسلىك، سۇ بىلەن تەمىنلەش بېسىمى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

بۇنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 26‏-ماي چاقىرىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىندا شۆھرەت زاكىر ھۆكۈمەتنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۆھرەت زاكىر، «سۇ بايلىقىنى قاتتىق باشقۇرۇش-باشقۇرماسلىق، ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىك، قوغداش-قوغدىماسلىق ۋە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش-ئورۇنلاشتۇرماسلىق شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق تەرەققىياتى ۋە مۇھىتنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە» دېگەن.

ئەمما مۇھىت قوغدىغۇچىلار ۋە ئىقتىسادشۇناسلار ئۇيغۇر رايونىنىڭ سۇ مەسىلىسى قانداق باشقۇرۇشتىكى مەسىلە ئەمەسلىكىنى، سۇ مەسىلىسىنى خىتاينىڭ شەھەرلىشىش، كۆچمەنلەر نوپۇسى ۋە سانائەت بازىلىرىنى قۇرۇش پىلانى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق خىتاي ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەننىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەبىئىي شەرت-شارائىتى چوڭ تىپلىق پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرىنى قۇرۇشقا، بىر قانچە مىليون نوپۇسلۇق چوڭ شەھەرلەرنى بەرپا قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. ئۇ، بۇنىڭ رايوندا ئېغىر مۇھىت ۋەيرانچىلىقىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن.

ئەمما شۆھرەت زاكىر يىغىندا، « ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ رايوندا سۇ بايلىقىنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاش، ئىقتىسادنىڭ نىسبەتەن تېز ھەم مۇقىم تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش» نى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت