خىتاينىڭ خوتەن شەھەر ئىچىدىكى «سۇلتانىم» مازارلىقىنى يۆتكىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يەرلىك خەلقلەرنىڭ مازار ۋە قەبرىلىرىنى كەڭ كۆلەملىك چېقىش ياكى يۆتكەش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا.

خوتەن شەھىرىنىڭ ئالاقىدار ھۆكۈمەت تارماقلىرى يېقىندا خوتەن شەھىرىدىكى سۇلتانىم مازارلىقىنى يۆتكەش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، مېيىت ئىگىلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە دەرھال قەبرە يۆتكەش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشىنى تەلەپ قىلغان. سۇلتانىم مازىرى 19‏-ئوتتۇرىلىرىدا، ياقۇپبەگ دەۋرنىڭ سەل ئالدىدىكى خوتەن ھۆكۈمدارى بەبىبۇللاخان زامانىدا پەيدا بولغان بولۇپ، بۇرۇن بۇ مازارغا مەخسۇس خوتەندىكى مۇفتى، قازى، ئۆلۈما ۋە جامائەت ئەربابلىرى دەپنە قىلىنىپ كەلگەن تارىخىي مازارلىق ئىدى.

خىتاينىڭ «شەھەر مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش،» قەبرە باشقۇرۇشنى «قېلىپلاشتۇرۇش» نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مازار ۋە قەبرىستانلىقلارنى يۆتكەش، چېقىش ھەرىكىتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مازار ۋە قەبرە چېقىش، يۆتكەش ھەرىكىتى نۆۋەتتە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ، ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي سىمۋوللىرىنى ئۇلاردىن يىراقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانىكەن.

خوتەن شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ۋە خوتەن شەھەرلىك قەبرە كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، سۇلتانىم مازارلىقىغا دەپنە قىلىنغان مېيىتلارنىڭ خوتەن ناھىيەسىدىكى ئىمام مۇساكازىمغا يۆتكىلىدىغانلىقى، شۇڭا، «بۇ مازارلىققا مېيىت قويغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ 20‏-مارتقىچە سۇلتانىم مازارلىقىنى تىزىملاش ئورنىغا كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان».

ئۇقتۇرۇشتا يەنە، ئەگەر ۋاقتىدا كېلىپ تىزىملاش رەسمىيىتى بېجىرىلمىسە، قەبرىنىڭ ئىگىسىز مېيىت سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتلەرگە مېيىت ئىگىسىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى مازار ۋە قەبرىستانلىقلارنى كەڭ كۆلەملىك چېقىش ۋە يۆتكەش ھەرىكىتى قوزغاشنىڭ ئالدىدا مازار ۋە قەبرىلەردىكى ئايەت، گۈمبەز، ئاي يۇلتۇزلۇق بەلگىلەرنى «رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى» دېگەن سەۋەب بىلەن بىردەك ئېلىپ تاشلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت