«شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى» ئەردۇغاننىڭ خىتاي زىيارىتىگە ئىنكاس قايتۇردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-08-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


كانادادا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان«شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى» بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردۇغاننىڭ خىتاي زىيارىتىگە ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇلار باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورىزم بىلەن باغلايدىغانلىقى، شۇڭا ئەردۇغاننىڭ خىتاينىڭ تالمىش«شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى» گە قارشى كۈرەشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللىغانلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ‹ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى› گە باغلاپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي تازىلاش ھەرىكىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى.»

باياناتتا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قارشىلىقلارنىڭ ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى» بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوقلۇقى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇم سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

«شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى» بۇ يىل 21 - ئىيۇل كانادادا رەسمىي ئەنە ئالدۇرۇلغان ئىدى.

ئەردۇغان تۈركىيەدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى تۈپەيلى قوزغالغان خىتايغا قارىشى نارازىلىق كەيپىياتى تازا پەللىگە چىققان مەزگىلدە خىتايدا ئىككى كۈنلۈك دۆلەت زىيارىتىدە بولغان.

ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتىدە سودا مەسىلىسى ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلىگەن ئىدى.

تۈركىيە چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىپ چىققان ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ پاناھلانغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن 2014 - يىلى مارتېن باشلاپ تايلاندتا ئازاب چەككەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا بىۋاسىتە ياردەم قولىنى ئۇزاتقان بىردىن بىر دۆلەت ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت