سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەرگە قارشى خىمىيىلىك قورال ئىشلگەندىن كېيىن ئامېرىكا سۈرىيىگە ھەربىي كۈچ قوللىنىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

2013-08-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن ھەپتە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرگە قارشى خىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيىگە قارشى ھەربىي كۈچ قوللىنىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازى ۋە ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ 27 - ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگېر ئامېرىكا تەرەپنىڭ نۆۋەتتە سۈرىيىگە قارشى ھەربىي كۈچ قوللىنىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، پەقەتلا ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ بۇيرۇقىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 29 - ئاۋغۇست كۈنى ئەنگىلىيە دۆلەت مەجلىسىمۇ يىغىن ئېچىپ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچى ئاممىغا خىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت