ئوباما خەلقئارا جەمئىيەتتىن سۈرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى قوللاشقا دەۋەت قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-09-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما شىۋېتسىيە زىيارىتى جەريانىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىشتە ئۆزىنىڭ تۆۋەن چېكىدە چىڭ تۇرۇشقا چاقىردى.

ئۇ سۆزىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئامېرىكىنىڭ ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى قوللاشقا دەۋەت قىلغان.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى 21-ئاۋغۇست كۈنى سۈرىيە پۇقرالىرىغا قارىتا خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىپ، 429 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىك بىلەن ئەيىبلىگەن. ئاساد ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىشى مەسىلىسى جىددىي ئىنكاسلارنى ۋە گۇمانلارنى قوزغىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بولسا ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىگە ئائىت كىشىنى قايىل قىلالايدىغان پاكىتلارنى ب د ت غا سۇنۇشى تەلەپ قىلغان ھەمدە شۇ چاغدىلا ب د ت نىڭ سۈرىيەگە قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ھوقۇقىنىڭ بېرىلىش مۇمكىنلىكىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

پرېزىدېنت ئوباما بولسا ۋلادىمىر پۇتىننىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ھامان ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

فىرانسىيە پارلامېنتى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ ھەقتە تېخى بېلەت تاشلىمىغان.

ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۆتكەن ھەپتە بېلەت تاشلاپ ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشقا قارشى چىققان.

ئوباما ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن سۈرىيەگە قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە دۆلەت مەجلىسى بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلماقتا. بىراق، دۆلەت مەجلىسى تېخى بېلەت تاشلاش ئۆتكۈزمىگەن. ئەمما ئوبما ئۆزىنىڭ ئامېرىكا قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باش قوماندانى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ ھەرىكەت قوللىنىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت