سۈرىيە تىنچلىق كېلىشىمى كۈچكە ئىگە قىلىندى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-02-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا، رۇسىيە، سۈرىيە ۋە سۈرىيەدىكى قوزغىلاڭچىلار قاتارلىق تەرەپلەر ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان «ئۆز - ئارا دۈشمەنلىكنى توختىتىش» ناملىق تىنچلىق كېلىشىمى دەمەشق ۋاقتى جۈمە كۈنى يېرىم كېچىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە قىلىندى.

كېلىشىم بويىچە، سۈرىيەدىكى ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەتكە قارىشى كۈچلەر ئارىسىدا ئۇرۇش ۋاقىتلىق توختىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ كېلىشىم، ئىسلام دۆلىتى - «دائىش»، ئەلقايدا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان تېررورچى تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

بۇ ھەقتە توختالغان ب د ت ئالاھىدە ئەلچىسى ستافان دې مىستۇرا جەنۋەدە مۇنداق دېگەن: «تۇيۇقسىز دەمەشق ۋە دارا تەرەپ پەسكويغا چۈشتى.»

لوندونغا جايلاشقان «سۈرىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش» ناملىق تەشكىلات سۈرىيەدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ نۆۋەتتە تىنچىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، ب د ت ئەلچىسى مىستۇرا سۈرىيەدە تىنچلىقنىڭ بىر كېچىدىلا ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى، ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇتلۇقنى قوشۇمچە قىلغان.

جۈمە كۈنى ئەتىگەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىلەت تاشلىنىپ، سۈرىيە تىنچلىق كېلىشىمى قوللاشقا ئېرىشكەن ۋە كېلىشىمگە ئالاقىدار تەرەپلەر كېلىشىمدىكى ماددىلارغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىلغان.

ب د ت ئەلچىسى مىستۇرانىڭ ئېيتىشىچە، شەنبە كۈنى جەنۋەدە يەنە بىر يىغىن چاقىرىلىپ، سۈرىيەدىكى تەرەپلەرنىڭ كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى باھالاپ چىقىلىدىكەن.

سۈرىيەدە 4 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش 250 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغاندىن باشقا يەنە، نەچچە مىليون ئادەمنىڭ مۇساپىر بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت