خىتاي رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى بومباردىمانىغا قاتنىشىشى مۇمكىن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-10-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى بومباردىمانىغا خىتاي ئارمىيىسىنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. بۇ ھەقتە ئېكىسپرەس گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى رۇسىيەنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدارى ئىگور موروزوفنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە بىر توشۇغۇچى پاراخوتىنىڭ ئاللىقاچان سۈرىيەگە يۈرۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بۇنىڭغا ئېنىق جاۋاب بەرمىگەن، ئەمما «تېررورچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بۇرچى» دېگەن.

گېزىتتىكى خەۋەردە، خىتاينىڭ نېفىت تۇرۇبىلىرى بىخەتەرلىكىنىڭ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى ئېشىت مىللىتانلىرى رەھبىرى ئابۇ ئەل باغدادى خىتاينى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى تۈپەيلى تەھدىت قىلغاندىن كېيىن خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك يىغىنىدىمۇ سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا قاراپ تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. بىراق، رۇسىيە سۈرىيەدىكى بومباردىمانلىرىنىڭ «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» تېررورچىلىرىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر رۇسىيەنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەسەدكە قارشى ئۆكتىچى كۈچلەرگە زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. رۇسىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنى يەنە تۈركىيە ھاۋا تېررىتورىيەسىگە بۆسۈپ كىرىشىمۇ ناتو ۋە ئامېرىكىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت