خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىنى سۈرىيە قاتارلىق خەتەرلىك رايونلارغا بارماسلىققا ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-12-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىنى سۈرىيە قاتارلىق ۋەزىيىتى خەتەرلىك رايونلارغا بارماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى ئالدىنقى كۈنى بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ سۈرىيەدىكى قوراللىق گۇرۇھ-كورت دېموكراتىك بىرلىك پارتىيەسىگە (PYD) گە ياردەملىشىپ، دائىش تېررورلۇق گۇرۇھىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان.

رويتېرسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىتاي پۇقراسى سىچۈەنلىك بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 9‏-ئاينىڭ ئالدى-كەينىدە سۈرىيەدىكى كورت قوراللىق گۇرۇھىغا قوشۇلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تەرەپ سۈرىيەدىكى خىتاي پۇقراسىغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى كۆرگەن. ئەمما ئۇ، ھېلىقى خىتاي پۇقراسىنىڭ شەخسى ئەھۋالىغا دائىر كونكرېت ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

خۇا چۈنيىڭ: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ كونسۇل ئىشلىرى مۇلازىمەت تورى ئارقىلىق كۆپ قېتىم بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىنى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن سۈرىيە قاتارلىق ۋەزىيىتى خەتەرلىك رايونلارغا باسماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى» دېگەن.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىكى كورت قوراللىق تەشكىلات-دېموكراتىك بىرلىك پارتىيەسىنى تېررورلۇق گۇرۇھ، ئۇ، تۈركىيە ئىشچىلار پارتىيەسى پ ك ك نىڭ پارچىسى، دەپ قاراپ كەلگەن. ئەمما ئامېرىكا بۇ گۇرۇھنى دائىش تېررورلۇق گۇرۇھىغا قارشى ئاكتىپ كۈچ، دەپ قاراپ، ئۇلارغا قورال-ياراق ياردەم قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت