تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمام ئەلى راخمان«مىللەت داھىيسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-12-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


تاجىكىستان ھۆكۈمىتى 25 - دېكابر كۈنى پرېزىدېنت ئېمام ئەلى راخماننىڭ «تىنچلىق ۋە مىللىي بىرلىكنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى - مىللەت داھىيسى» غا ئائىت بىر قانۇننى ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئازادلىق» رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى تاجىكىستان مىللىي مەجلىسى تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمام ئەلى راخماننى «مىللەت داھىيسى» دەپ ئاتاش ھەققىدىكى قانۇننى ماقۇللىغان بولۇپ، تاجىكىستان پارلامېنتى رەئىسى شۈكۈرجان زۇخۇروۋ ئېمام ئەلى راخماننى «تاجىك خەلقى ئۈچۈن كۆپ ئىش قىلغان قەھرىمان» دەپ ئاتىغان.

ئېمام ئەلى راخمانغا «مىللەت داھىيسى» دېگەن سالاھىيەتنى بېرىش مەسىلىسى 8 ئاي ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مانا ئەمدى پارلامېنت تەرىپىدىن قانۇنى كۈچكە ئىگە قىلىنغان.

«ياۋروئاسىيا خەۋەرلىرى» تورىنىڭ يېزىشىچە، ئېمام ئەلى راخمان بۇ قانۇن ئىمزالىنىش بىلەن تاجىكىستاننىڭ مەڭگۈلۈك «مىللەت داھىيسى» بولغان.

63 ياشلىق ئېمام ئەلى راخمان 1992 - يىدىن بۇيان تاجىكىستاننى ئىدارە قىلماتقا. ئۇ، 2013 - يىلى يەنە بى قېتىم پرېزىدېنتلىققا سايلانغان.

ئېمان ئەلى راخماننىڭ «مىللەت داھىيسى» دەپ ئاتىلىشى مەسىلىسىگە قارىتا ئۆكتىچىلەر نارازىلىق پىكىرىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئۇلار بۇنى ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىملىق دېموكراتىيىگە قارشى قىلمىشى دەپ تەنقىد قىلغان.

ئېمام ئەلى راخمان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىككىنچى قېتىم «مىللەت داھىيسى» سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن پرېزىدېنت بولۇپ، بەش يىل ئىلگىرى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفمۇ ئەنە شۇنداق سالاھىيەتكە ئىگە بولغان ئىدى.

«ئازادلىق»نىڭ يېزىشىچە، نازاربايېف بىلەن راخماننىڭ پەرقى شۇكى، نازاربايېف قازاقىستان پارلامېنتى تەستىقلىغان«مىللەت داھىيسى» غا ئائىت قانۇننى ئۆزى ئىمزالىمىغان بولۇپ، بۇنى باش مىنىستىر ۋە پارلامېنت يۇقىرى پالاتا رەئىسى ئىمزالىغان. بىراق، تاجىكىستان پارلامېنتى تەستىقلىغان بۇ قانۇننى ئېمان ئەلى راخمان ئۆزى ئىمزالىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت