تاجىكىستاندىكى قاتتىق يەر تەۋرەش ئۇيغۇر رايونىنىڭ قىسمەن رايونلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-12-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 7-دېكابىر شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 15:50 مىنۇت ئۆتكەندە تاجىكىستاندا 7.2 بال يەر تەۋرىگەن.

ئامېرىكا گېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تەۋرەش مەركىزى تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىنىڭ 345 كىلومېتىر شەرقىگە، تاغلىق شەھەر مۇرغابنىڭ 109 كىلومېتىر غەربىگە توغرا كېلىدىكەن.

تاجىكىستان دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر يەر تەۋرەشتە قانچىلىك كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

قاتتىق يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان زەنجىرسىمان تەسىرنىڭ تاجىكىستانغا قوشنا ئەللەردە، يەنى قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستاننىڭ شىمالىي رايونلىرىدا سېزىلگەنلىكى مەلۇم.

بۈگۈن خىتايدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلىپ، تاجىكىستاندا يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسىنى 7.4 بال دەپ كۆرسەتكەن.

خەۋەردە تاجىكىستاندىكى قاتتىق يەر تەۋرەشنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر، ئاتۇش، خوتەن ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلىرىغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت