جەي نوردلىنگېر: «خىتايدىكى بىر ئەركەك»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-09-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ بىلىم يۇرتى بولغان «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ مۇدىرى، جۇغراپىيە پەنلىرى ئالىمى تاشپولات تېيىپقا بېرىلگەن كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسىنىڭ يېقىندا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تۇشمۇتۇشتىن ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ئىنكاسلارمۇ دىققەت قوزغاشقا باشلىدى.

ئامېرىكادىكى «دۆلەتلىك باھا» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى جەي نردلىنگېر 16-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان «خىتايدىكى بىر ئەركەك» تېمىسىدىكى ئوبزورىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى قانداق دەھشەتلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ مۇدھىشلىقىدىن بۇ دەھشەتلەرنى ھەرقانچە قىلىپمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ ئوبزورىدا ستالىننىڭ «بىر ئەركەكنىڭ ئۆلۈمى تېراگېدىيەدۇر؛ مىليونلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمى بولسا ستاتىستىكا» دېگەن مەشھۇر سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ سۆزنى تاشپولات تېيىپقا تەتبىقلاشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭدەك تاشپولاتقا ئارتىلغان «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتىنى «خىتايدىكى تەيپىنەمنىڭ زامانىسىدىن قالغان كونا قالپاق» دەيدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە دىكتاتورلارنىڭ پۈتۈن دۇنيا قاراپ تۇرغان ئەھۋالدا بىر خەلقنى قىرىۋېتىشتىن ئەيمىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ بەزىدە بۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ: «تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن بۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس» دەپ كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى خوڭكوڭ مەسىلىسىگە مەركەزلىشىپ قېلىۋاتقان ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دىققەتتىن ساقىت بولۇپ كەتمەسلىكىنى، چۈنكى بۇ جايدىكى ۋەھشىيلىكلەرگە قاراپ «شەرقىي تۈركىستاندا دوۋزاقنىڭ ئۆزى بولۇۋاتىدۇ» دېيىشكە تامامەن بولىدىغانلىقىنى يازىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت